ئوتتا قاقلاپ پىشۇرغان تاتلىق ياڭيۇنىڭ پوستىنى قوشۇپ يىيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە بىئولوگىيەلىك ئىشقار بار بولۇپ كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ.
2.تاتلىق ياڭيۇنى چۈشتە يىسە ئەڭ مۇۋاپىق. تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدىكى كالتىسى ئادەم بەدىنىدە 5~4سائەتكىچە ئاران ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا، چۈشتە يىگەن تاتلىق ياڭيۇ كەچلىك تاماققىچە پۈتۈنلەي ھەزىم قىلىنىپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەچلىك تاماقنىڭ تەركىبىدىكى كالتىسىنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ.
3.ئاچ قورساق تاتلىق ياڭيۇ يىيىشكە بولمايدۇ. ئاچ قورساق تاتلىق ياڭيۇ يىگەندە مەيدىنى ئىچىشتۇرىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
4.كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. بىر كۈندە ئىككى ياكى ئۈچتىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
5.تاتلىق يىمەكلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. تاتلىق ياڭيۇنى باشقا تاتلىق يىمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ يىگەندە ئەكىس ئېقىم خروماتوگىرافيىسى كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بىر ھەسسە ئېشىپ كىتىدۇ.
6.دىئابىت كىسىلى بار ۋە ئىچى سۈرۈپ قالغانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ. يەنە ئاشقازان كىسىلى بارلار كۆپ يىگەندە ئاشقازان كۆپۈش قاتارلىق ھادىسىلەر كىلىپ چىقىدۇ.
تاتلىق ياڭيۇ توغرىسىدا فىرانسىيىلىكلەرنىڭ ناھايتى قىزىقارلىق ھېكايىسى بار ئىكەن .تاتلىق ياڭيۇ فىرانسىيىدە خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئومۇملاشمىغان. دىنىي خۇراپات ئۇنى «ئالۋاستى ئالمىسى» دېسە، دوختۇرلار ئۇنى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق دەپ چەكلىگەن: ئاگرانوملار تاتلىق ياڭيۇ تۇپراقنى ئۈنۈمسىزلەشتۈرۈۋېتىدۇ. دەپ ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىۋەتكەنىدى. داڭلىق فىرانسىيە يېزا ئىگىلىك ئالىمى ئانرى پالمان گېرمانىيىدە ئەسىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە تاتلىق ياڭيۇ يېگەن ۋە ئنىڭ يامان ئەمەس يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆز يۇرتىدا ئۆستۈرمەكچى بولغان، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ تەكلىپىگە قۇلاق سالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاتلىق ياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى رولى جەھەتتە پادىشاھنى قايىل قىلغان ۋە پادىشاھنىڭ تۆۋەن ھوسۇللۇق بىر پارچە يېرىدە تاتلىق ياڭيۇ ئۆستۈرۈشكە ئىجازەت ئالغان. ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە ھۆرمەت قاراۋۇلى كىيىمىنى كىيگەن، پۈتۈنلەي قوراللانغان، پادىشاھنى قوغدىغۇچى قىسىم ئېتىز ئەتراپىدا قاراۋۇللۇق قىلغان. ئەمما، بۇ ئەسكەرلەر پەقەت كۈندۈزىلا قاراۋۇللۇق قىلغان. ئەمما، بۇ ئەسكەرلەر پەقەت كۈندۈزىلا قاراۋۇللۇق قىلغان. بۇ ۋاقىتتا ئەتراپتىكى دېھقانلاردا چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىش ۋەسۋەسىسى پەيدا بولۇشقا باشلىغان، ئۇلار ھەركۈنى ئاخشىمى تاتلىق ياڭيۇنى ئوغرىلاپ كېلىپ يېگەن ۋە ئاستا – ئاستا ئۆزىنىڭ ئېتىزلىرىغىمۇ تېرىشقا باشلىغان، شۇنداق قىلىپ تاتلىق ياڭيۇ پۈتۈن فىرانسىيىدە ئومۇملاشقان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved