ئىتالىيە ساختا پۇل ياسايدىغان بازىغا ئايلىنىپ قالدى

       جۇڭگو ئاۋازى «پۈتكۈل يەر شارى بويىچە جۇڭگوچە ئاڭلىتىش تورى» خەۋىرىگە قارىغاندا، ساختا پۇل تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر بەكلا چۆچۈشىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ساختا پۇل جۇڭگودىلا بولۇپ قالماستىن ياۋروپانىڭ ھەممىلا يېرىدە بار ئىكەن. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ساختا ياۋرولار بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. پۈتكۈل ياۋروپا، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيەلەر ساختا پۇل مەركەزلىك ئېقىپ كىرىدىغان دۆلەت بولۇپ قالغان، ئىتالىيە بولسا ساختا پۇل ياساپ چىقىدىغان بازىغا ئايلانغان، ھەمدە پۈتكۈل يەر شارىدىكى ساختا ياۋرو بازىرىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەپ بولغان.

     ئىتالىيەنى مىسال قىلىدىغان بولساق، ئىتالىيە ساقچى تەرەپ 2015 – يىل قانات يايدۇرغان تۈرلۈك ھەرىكەتلەردە مۇسادىرە قىلغان ساختا پۇلنىڭ سوممىسى 54 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن. بۇندىن باشقا، يەنە 31000 دوللارلىق ساختا دوللار بار ئىكەن. ساقچى تەرەپ پۇل بېسىش ماشىنىسىدىن تۆتنى ۋە 87 يۈرۈش قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن، يەنە 74 يۈرۈش ساختا كېنىشكە ۋە 159 تال ساختا بانكا كارتىسىنى مۇسادىرە قىلغان. ساختا پۇلغا چېتىشلىق 248 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 882 ئادەمنى تەكشۈرگەن.

    پۈتكۈل ياۋروپادا، ساختا ياۋرو ۋە ساختا تەڭگە پۇللار ئەڭ كۆپ ئېقىپ كىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەت تەرتىپى مۇنداق: فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيە. بۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيە ساقچى تەرەپ بىر قىسىم جۇڭگولۇق جىنايى تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارادا ساختا كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ناھايىتى ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، مەيلى تۈرلۈك داڭلىق ماركىلىق نەرسىلەرنى ياساش بولسۇن ياكى ساختا ياۋرو ياساش بولسۇن. تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋرو بارلىققا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ساختا پۇلغا تاقابىل تۇرۇدىغان تارماقلاردىكى خادىملار جۇڭگولۇق كىشىلەرنىڭ ئالاقىدار ساختا پۇل ياساش دېلولىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى دوكلات قىلغان.

2014 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 2015 – يىل ساقچى تەرەپ مۇسادىرە قىلغان ساختا پۇل سوممىسى %12 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 170 مىڭ تال ساختا پۇل بار بولۇپ، راست يالغاننى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە يېتىپ ئاشىدىكەن، يەنى ياۋروپا دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن دېيىشكە بولىدىكەن. ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشكە قارىغاندا، ساختا پۇل ياساش بازىرىدا، كونا كۈچلەر تېخى پۈتۈنلەي شاللانمىغان، بىراق يېڭى كۈچلەر ئارقا ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بارلىق ساختا پۇللار ئىچىدە، ئەڭ كۆپ ياسىلىدىغان ساختا پۇللار ئىككى ياۋرولۇق تەڭگە پۇل بولۇپ، مۇسادىرە قىلىنغان ساختا پۇل ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدىكەن. قالغانلىرى بولسا 50 سېنتلىق ۋە بىر ياۋرولۇق تەڭگە پۇللار ئىكەن. ساختا پۇللار ئىچىدە 20 ياۋرولۇق ساختا پۇللار خېلىلا كۆپ بولۇپ، مۇسادىرە قىلىنغان بارلىق ساختا پۇللارنىڭ %55 ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا 50 ياۋرولۇق پۇللار، %30 نى ئىگىلەيدۇ، قىممىتى 10 ياۋرولۇق يېڭى بېسىلغان پۇللارمۇ تېخى يېڭىلا بازارغا سېلىنغىنى بىلەن ئۇنىڭمۇ ساختىسى تەڭلا بازارغا كىرگەن. بۇلار شۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، ساختا ياۋرو ياساش بەكلا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىتالىيە ساختا پۇل ياساش ۋە ساختا پۇل ئوبوروتى ئەڭ كۆپ بولغان، ياۋروپا ئەزا تۆت دۆلەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ساختا پۇلنىڭ زىيىنىغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان.

     ئىتالىيە ژاندارمىلىرى ساختا پۇلغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىتالىيە مەركىزىي بانكىسى بىلەن ياۋروپادىكى باشقا ئەللەر بىرلىشىپ، بىر ئالاھىدە پىلاننى يولغا قويغان. بۇ پىلان قەدىمقى يۇناندىكى بىر داڭلىق سىياسىيۇننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، مەقسىتى بولسا ياۋروپا ئەللىرى ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساختا پۇل ياساشقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ياۋرونى قوغداش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش. 2015 – يىل مەزكۇر پىلاندا ماراكەش، تۇنىس ۋە سېناگار قاتارلىق بىر نەچچە ئەلگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن.

2016 – يىل، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە يېڭى قەغەز پۇل ۋە تەڭگە پۇل بازارغا سېلىشنى پىلانلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلغارىيە، سېلبىيە ۋە تۈركىيە ساقچى تەرەپنىڭ قاتنىشىشى ، ساختا پۇل ياساش قىلمىشلىرىغا ئورتاق زەربە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek