فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر شاھىتنىڭ ئېيتىشچە، قوراللىقلار مېكسىكىنىڭ تېمىسىگو شەھرىنىڭ ئايال باشلىقى سېسلاموتانىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەندە، ئۇ ئۇلاردىن ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىكىنى ئۆتۈنگەنىكەن.
سىسىلا موتا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن، نىقاپلانغان قوراللىقلار 2-يانۋار ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەندە، ئۆيدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە يېڭىدىن تۇغۇلغان جىيەن ئوغلىمۇ بار ئىكەن. سېسلاموتانىڭ ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، قوراللىقلار سېسلانى سارايغا سۆرەپ چىقىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئېتىۋەتكەن.
سېسلاموتانىڭ ئۆلۈمى مېكسىكىنىڭ ئايال شەھەر باشلىقلىرىنىڭ تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، زوراۋان جىنايەتچىلەرنىڭ قانچىلىك غالجىرلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. بۇ يەردىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرى دائىم تەسىر كۈچى تالىشىپ، يەرلىك ئاھالىلىرىنى تۇتقۇن قىلىدىكەن ۋە ئۇلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدىكەن.
سېسلاموتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2-كۈنى قەستكە ئۇچرىغان، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنى شۇ يەردىكى بىر زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى ئۆلتۈرگەن ئىكەن.
بىر تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، قوراللىقلارنىڭ ئارىسىدىكى باش جىنايەتچى قۇرامىغا يەتمىگەنلىكتىن ئۇنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئاشكارلانمىغان. سېسلاموتانى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ساقچىلارغا ئېيتىشىچە، ئۇلار سېسلاموتانى باشقا شەھەر باشلىقلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن ئىكەن. ئۇ يەنە ساقچىلارغا تۆت ئادەمنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن جاينى كۆرسىتىپ بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved