بىز ھەر دائىم كىشىلەرنىڭ بېشى ئاغرىسىلا، بەك چارچاپ كېتىپتىمەن، بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ، دورا ئىچىۋالاي دېگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. دېمەك كۆپىنچە كىشىلەر بېشنىڭ ئاغرىشىنى چارچاشتىن كېلىپ چىقىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە باش ئاغرىقىنىڭ، بولۇپمۇ باشنىڭ يېرىمىنىڭ ئاغرىشى يېمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش يەنى شەقىقە باش قان تومۇرىنىڭ تارىيىش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى تەخمىنەن %10نى ئىگىلەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش نۇرغۇن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئېرسىيەت، نېرۋا سىستېمىسى ھەم مۇھىت ئامىللىرىنىڭ ئورتاق تەسىر كۆرسىتىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.
مەسىلەن، پىشلاق ۋە شاكىلات:
ئۇنىڭ تەركىبىدە تىروزائىن كۆپ. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغۇچىلارنىڭ تىروزائىننى پارچىلاش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، تىروزائىن كۆپىيىپ، پىروستاگلاندىن تېز بىرىكىپ، باش قان تومۇرى كۈچلۈك كېڭىيىپ، باشنى ئاغرىتىدۇ.
▲جىياڭيۇ ۋە تېتىتقۇ:
ئۇنىڭ تەركىبىدە ناترىي گىلۇتامات كۆپ بولغاچقا، %3ئادەمنىڭ بۇ تەم تەڭشىگۈچلەرنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىشىدىن بېشى ئاغرىيدۇ ۋە يۈزى تارتىشىدۇ. شۇڭا بەك كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
▲ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى:
بولۇپمۇ جىگەر تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن ئا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغدايدۇ. قارشىلىق كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما ھەر قانداق يېمەكلىك لايىقىدا ئىستېمال قىلىنىشى كېرەك. ئىسپاتلىنىشىچە، ۋىتامىن ئا بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، باشنىڭ يېرىمىنى تىروزائىندەك ئاغرىتىدۇ.
▲قەھۋە ۋە قېنىق چاي:
ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قەھۋە ماددىسى روھنى كۆتۈرىدۇ. شۇنداقلا باشنىڭ يېرىمىنىمۇ ئاغرىتىدۇ. كۆپلەپ ئىستېمال قىلىنسا، قان تومۇرلارنى زىيادە تاريتىپلا قالماي، نېرۋىنى غىدىقلاپ ئۇيقۇغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
▲ماروژنى:
قان تومۇرنى تەڭشەش فۇنكىسىيەسىدە توسالغۇ بارلار سوغۇق تەسىرگە ئۇچرىسا، قان تومۇرى تارتىشىپ قالىدۇ. باشنى يېرىمى ئاغرىغۇچىلارنىڭ %90ى ماروژنى يېسە ياكى سوغۇق ئىچىملىكنى تېز ئىچسە، بېشى مۇجۇغاندەك ئاغرىيدۇ. زىيادە سەزگۈلىرى ئۇۋاق مۇزنى تاڭلىي ياكى يۇتقۇنچىقىدا تۇرغۇزسىمۇ ئاغرىقى قوزغىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان كىشىلەر مۇۋاپىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىرىنچى باسقۇچتا يېمەكلىك خاتىرىسى يېزىىپ كېسەل قوزغاتقۇچىنى تېپىش كېرەك. چۈنكى باشنىڭ يېرىمىنى ئاغرىتىدىغان يېمەكلىكلەر ھەر ئادەمدە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، يېمەكلىك خاتىرىسى يېزىپ، كۈندىلىك يېمەكلىكنى خاتىرلەپ، باش ئاغرىغاندا 24سائەت ئىچىدىكى يېمەكلىكتىن گۇماندارنى بېكىتسە، بىر نەچچە قېتىمدا كېسەل قوزغاتقۇچىنى تېپىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچتا پايدىلىق ئوزۇقلۇقلار بىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. قارا گۆش، دانلىقلار، سېرىق پۇرچاق، خاسىڭ قاتارلىق ب گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار بولغان يېمەكلىكلەر يۈرەك قان تومۇرى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى قوغداپ، بېسىمنى يەڭگىللىتىپ، كەيپىياتنى پەسەيتىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى كەچتە ئۈچ مىللىگىرام ب گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىن ئىستېمال قىلىنسا، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى %50ئازايتقىلى بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا مايمۇن شاپتۇلى، خەردەل قاتارلىقلاردا ۋىتامىن س مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى. جىددىي ھالەتتىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ، كەيپىيات جىددىيلىكىدىن بولغان باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى يېنىكلىتىدۇ.
دانلىقلار، گۈل كاپۇستا، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ھەم قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەر، مەسىلەن، گازىر، ئۆرۈك مېغىزى، ئورمان ياڭىقى قاتارلىقلاردا مىكرو ئېلېمىنت ماگىنىي مول بولۇپ، مۇسكۇللارنى بوشىتىدۇ. قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدۇ. ئامېرىكا باش ئاغرىقى فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىچە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغۇچىلار كۈندە 500-700مىللىگىرامغىچە ماگنىي تولۇقلىشى كېرەك ئىكەن.
لېكىن، ماگنىي بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش لازىم.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved