«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ سۇرىيە تەۋەسىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن تۈركىيە تەۋەسىگە قېچىپ بارغان سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا رايونلىرىدىكى مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى توقۇنۇشمۇ ئۆزلۈكسىز كۈچەيدى.
ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بازارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، سۇرىيەدىكى كۇرد مۇساپىرلىرى پاناھلىنىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تۈركىيەگە قېچىپ باردى، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدىكى سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 500 مىڭغا يەتتى.
19-سېنتەبىردىن بۇيان، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر بازارلارغا ئۆزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، 10 دىن كۆپرەك كەنتنى ئىگىلىدى، شۇ جايدىكى تەخمىنەن 150 مىڭ سۇرىيە مۇساپىرى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سانلىئۇرفا ئۆلكىسى بىلەن گازىئانتەپ ئۆلكىسىگە قېچىپ باردى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سۇرىيەدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كوردلار ئىكەن. تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: نۆۋەتتە كۆپ قىسىم مۇساپىرلار چېگرا لىنىيەسىنىڭ سىرتىدا تۈركىيەگە كىرىشنى ساقلاپ تۇرماقتىكەن، بىراق چېگرا شەھەر بازىرىدا مۇساپىرلار توپلاشقان. سانلىئورفا ئۆلكىسىنىڭ سۇرۇچ بازىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇساپىلار ۋاقىتلىق تۇرىدىغان ئورۇن قىلىنغان، مەكتەپنىڭ زالىغا 3 مىڭدىن كۆپرەك مۇساپىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بىراق مۇساپىلار لاگېردا چېدىر، ۋاقىتلىق يۆتكىلىشچان ھاجەتخانا ۋە توك يوللىرى ئۈسكۈنىلىرى ئىنتايىن كەمچىل بولغان. ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئوكتاي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرلار لاگېرى قۇرۇلماقتا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە تازىلىق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيەلىك بۇ مۇساپىرلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى مۇراجەت قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە سۇرىيە چېگراسىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا يېقىندا سۇرىيەدىكى كوردلار تۈركىيەدىكى كۇردلارنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: سۇرىيە تەۋەسىدىكى زور تۈركۈم كۇرد مۇساپىرلىرى، ئىككى دۆلەت چېگراسى ئارىلىقىدىكى سىم توساقدىن تۈركىيە تەرەپكە ئۆتكەن. ئۇلار توقۇنۇشتا تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تاش پارچىلىرى قاتارلىقلارنى ئاتقان. بىخەتەرلىك قىسىملىرى سۇ پۈركۈگۈچ ئارقىلىق كىشىلەر توپىنى تارقىتىۋەتكەن. ئەسەبىي قۇراللىق تەشكىلاتلارنىڭ بۇ رايونىدىكى زوراۋانلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيە سۇرىيە چېگرا رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان.
ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەگە قېچىپ كېلىش دولقۇنىغا قارىتا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئىراق ۋە ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە قاتنىشىش سىگنالىنى بەرگەن. تۈركىيەدىكى كۈندىلىك خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بۇندىن ئىلگىرى تۈركىيە ئامېرىكا ئوتتۇرغا قويغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا بىرلىكتە زەربە بېرىشكە قاتنىشىشنى رەت قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەلىك 49 دىپلوماتنى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىدىن بولغان. نۆۋەتتە، بۇ تۇتقۇن قىلىنغانلار بىخەتەر قۇتۇلدۇرۇلغانلىقتىن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان، زەربە بېرىشكە قاتنىشىش قاتناشماسلىقتەك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ چېگرىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن قۇرۇقلۇقتا ھەرىكەت قوللىنىش پىلانىنى تۈزۈش ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردۇئان 26-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئۇچۇش مەنئى قىلىش ۋە بىخەتەر رايونىنى تەسىس قىلماقچى ھەمدە 2-ئۆكتەبىر «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قارىتا قوللانماقچى بولغان كونكرېت تەدبىرنى پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنماقچى.
ئۇندىن باشقا، تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەمگەك كاپالىتى مىنىستىرى چېلەك 27-سېنتەبىر چېگرا رايونىدىكى مۇساپىلار لاگېرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، تۈركىيەنىڭ مۇساپىلار لاگېرىنى داۋاملىق ياساپ، مۇساپىرلارغا ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ۋە داۋاملاش جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشچە: نۆۋەتتە تۈركىيە تەۋەسىدىكى سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 1 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن، ھۆكۈمەت مۇساپىرلار مەسىلىسىگە 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، ئاجراتقان مەبلىغى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان باشقا دۆلەتلەرنىڭدىن خىلىلا كۆپ بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved