تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. ئېلاندىيە تەتقىقات خادىملىرى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش ئۈچۈن، مەخسۇس 7845 توققۇز ئايلىق بوۋاقنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، چوڭلارنىڭ بوۋاقلار بىلەن ئازادە مۇڭدىشىش ئۇلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ياكى رەسىم كۆرسىتىشكە قارىغاندا 4 ھەسسە كۈچەيتىدىغانلىقى ؛
ئۇلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇپ بەرگەنگە قارىغاندا 3 ھەسسە كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايقىدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، دائىم بالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا بالىلار ئىلمى جەمئىيىتى يەنە، ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تېلېۋىزور كۆرسەتمەسلىك تەكلىپى بەردى، چۈنكى بۇ بوۋاقنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئىكەن. تېلېۋىزورنىڭ شاۋقۇنىمۇ بوۋاقنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved