جاھان ئاگېنتلىقى 19-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى:ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جىف رازكى كۈندىلىك ئاخبارات باياناتنامىسىدە، «مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى قاتارلىق 100 دىن كۆپ كىشى ھەققىدە مسىىر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى قارارى چىقارغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېدى. رازكى، مۇرسى ۋە باشقا بىر قانچە كىشىلەرگە قارىتىلغان سوت قارارىنى «ئادالەتسىزلىك ۋە قانۇننىڭ ھۆرمىتىگە رىئايە قىلماسلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رازكى، مىسىردىكى ئىنسان ھەقلىرىگە رىئايە قىلىنماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا قايغۇرىدىغانلىقىنى، مىىسىر ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە تەكلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوت داۋالىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ئادىل ۋە باراۋەر ئىجرا قىلىنىشى كىرەكلىكى، شۇنداق بولغاندا مىسرنىڭ مۇقىملىق ۋە باياشاتلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مىسىردا سابق ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن كۆپ كىشى ھەققىدە 16-مايدا ئۆلۈم جازاسى قارارى چىقرىىلغان ئىدى. مىسىردىكى ئۆلۈم جازا قارارى ئاۋال مىسىر پەتىۋا ئورگىنىغا يوللىنىدۇ، پەتىۋا ئورگىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى قارار ماقۇللىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
مۇرسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبەرلىرى ھەققىدىكى ئاخىرقى قارار 2-ئىيۇندىكى سوتتا ئېلان قىلىندۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved