ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيەلىك بالا باققۇچى ساندىرا سۈت ئىچىشكە خۇمار بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن ئون بوتۇلكا ( 5.68 لىتىر ) سۈت ئىچىدىكەن.
ساندىرانىڭ ئۆيىدە مەخسۇس ئالتە لىتىرلىق سۈت ساقلايدىغان توڭلاتقۇ بار ئىكەن. ئۇ بەزى كۈنلىرى يېرىم كېچىدىمۇ ئويغىنىپ سۈت ئىچىپ، ئاندىن ئۇخلايدىكەن، ئەگەر ئۆيدە سۈت قالمىغان بولسا، كېچىگە قارىماي، 24 سائەتلىك تاللا بازىرىغا مېڭىپ بېرىپ سۈت سېتىۋالىدىكەن، شۇندىلا سۈت خۇمارىدىن چىقىپ، ئۇخلىيالايدىكەن.
ساندىرانىڭ يولدىشى ئەكسىچە، سۈت بىلەن تازا ئېپى كەلمەيدىكەن، شۇڭا ساندىرا يولدىشىنى سۆيمەكچى بولغىنىدا چوقۇم ئاغزىدىكى سۈت قالدۇقىنى پاكىز ئېيتىپ، ئاغزىنى چايقىۋېتىشى كېرەك ئىكەن، ساندىرانىڭ ئېيتىشىچە، سۈت ئىچىۋەرگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۈنسىرى ئېشىپ ئۇنى بىئارام قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ، كۈنىگە 25 فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 254 يۈەن خەلق پۇلى ) سۈت پۇلى ئۇنىڭغا ئەمدى ئېغىر كەلگەن ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved