ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى توققۇز سودا كوچىسىنى ئۆزگەرتىپ «دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ»، يېڭىدىن 25 سودا كوچىسى قۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى سودا تور نۇقتىسى پىلانىغا ئاساسەن نۇنتىلىق ئۆزگەرتىلىپ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدىغان» سودا كوچىلىرى جۇڭشەن يولى سودا كوچىسى، دۆڭكۆۋرۈك مىللىي ئۆرپ-ئادەت كوچىسى، «چېنيې» يەر ئاستى كوچىسى، بەخت يولى يېمەك-ئىچمەك كوچىسى، دوستلۇق يولى سودا كوچىسى، شەرقىي جياڭسۇ يولى يېمەك-ئىچمەك كوچىسى، گۇەنيۈەن يولى «دېھقانلار شادلىقى» خاس يېمەك-ئىچمەك كوچىسى، سەيۋوپۇ چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى كوچىسى، شۇيشىگۇ فاڭجياجۇاڭ خۇيزۇ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك كوچىسى قاتارلىق توققۇز كوچىنى؛ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان سودا كوچىلىرى بۇغدا كۆلى يولى مىللەتلەر كوچىسى، لۇيۈەن يولى چاي سەنئىتى كوچىسى، ۋېنچۈەن سودا كوچىسى قاتارلىق 25 كوچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پىلانغا ئاساسەن، كەلگۈسىدە مۇھىم سودا مەركەزلىرىدە ئۈچتىن بەشكىچە زامانىۋىلاشقان، مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەدەنىيەت تۈسى قويۇق بولغان دۆلەت دەرىجىلىك سودا كوچىسى، بەشتىن ئونغىچە غەربكە، ھەتتا مەملىكەتكە تونۇلغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سودا كوچىسى قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ زامانىۋىلاشقان، خەلقئارالىق سودا شەھىرى بولۇشى ئۈچۈن تايانچ نۇقتا قىلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved