ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 18-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۇكرائىنا پايتەختى كېيىۋ شەھىرىدە، پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنت بىناسى ئىچىدە يىغىن چاقىرىپ ھۆكۈمەت يوللىغان 2016-يىللىق دۆلەت مالىيە خام چوت لاھىيىسىگە قاراپ چىقىۋاتاتتى، بىراق دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇكرائىنا دېھقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يىغىلىپ، باج ئېلىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تۇردى.
دېھقانلار پارلامىنت بىناسى ئالدىدا يىغىلىش قىلىپلا قالماي يەنە قوللىرىغا لوزونكا-پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا شۇئار توۋلاپ نامايىش قىلدى. ئۇندىن باشقا، كۆپ قىسىم دېھقانلار يەنە قوللىرىغا قوتاز ۋە كالا چوقىسى ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى يىللىق مالىيە خام چوت لاھىيىسىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved