شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 17-ئىيۇن، پاكىستان لاھۇر، ساقچىلار بىلەن بىر دىنى تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە بەش ئادەم قازا قىلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 16-ئىيۇن، فىرانسىيە پارىژ، فىرانسىيەلىك سەنئەتكارلار بىلەن تاماشا ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەر لوكفىللېر خان سارىيى ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش پائالىيتى تەشكىللىدى ھەم قولىغا يالغان تاپانچا ئېلىپ، قانغا مىلىنىپ كەتكەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلاردەك ياسىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق ئىسلاھاتى ئىشىسزلىق قوشۇمچە ياردەم پۇلى سۇغۇرتا كېلىشىمىگە ئېتىراز بىلدۈردى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 20-ئىيۇن، ئىراق باغداد، ئىراقلىق ئەرلەر ئەسكەر قۇبۇل قىلىش مەركىزىدە بەدەن تەكشۈرۈتمەكتە. ئىراقنىڭ يەرلىك دائىرىلىرى ئاممىنىڭ ئارمىيەگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆكتىچىلەرگە زەربە بىرىشكە ياردەم قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 20-ئىيۇن، كورېيە جوڭنەنلۈنسەن، يېڭى ئەسكەرلەر قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەشىق لاگىرىدا جەڭ قىلىش مەشىقى ئېلىپ بارماقتا.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 19-ئىيۇن، پېرۇ لىما، سېستىرالار زەنجىرلەرنى تاقاپ لاتىن ئامېرىكىسى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدا ئىش تاشلىدى ھەم مۇئاشنى ئۆستۈرۈش ۋە خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 19-ئىيۇن، بەھرەين دايىخ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلغۇچىلار بىلەن زوراۋانلىققا قارشى تۇرغۇچى ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى، ئىككى كىچىك بالىمۇ ئۆكتىچىلەرنى دوراپ بېشىنى مايكىسى بىلەن ئورىۋالغان.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 21-ئىيۇن، فىلىپپىن مانىلا، غەۋغاس بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، سۇ جانلىقلىرى ساندۇقى ئىچىدە پۇتبول تېپىپ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا مەدەت بەردى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 18-ئىيۇن، ھىندىستان يېڭى دېھلى، شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار يىغىلىش قىلىپ ئىراقتا ئۇدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارغا ئېتىراز بىلدۈردى.
شۇ يەر ۋاقتى 21-ئىيۇن، 32-قېتىملىق سۇ پەرىسى نامايىشى نيۇيورك شەھىرىنىڭ برۇكلىن رايونىدىكى كونى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۇ پەرىسى نامايىشى نيۇيورك ياز پەسلىگە كىرگەندىن كېيىن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى. كىشىلەر سۇ پەرىسى، سۇ ئالۋاستىسى، دېڭىز ئىلاھى، ماتروسلاردەك كىيىنىپ، كونى ئارىلىدىكى يوللاردا مېڭىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياسىنىشتىكى ئىجادىيىتى ۋە قىزغىنلىقىنى نامايان قىلىدۇ، ھەر خىل ئوركېستر، سېرىكچىلەر نامايىشچىلار قوشۇنىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلە بويىچە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 19-ئىيۇن، ئوكرائىنا كىيېۋ، ئوكرائىنا ئاممىسى ئۈستىگە دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگىدىكى مايكىلارنى كىيىپ، تېنچلىق يىغىلىشىغا قاتناشتى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 18-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئۇكرائىنا دائىرىلىرى مەملىكەتنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش توختىتىپ، يەرلىك قوراللىقلارنىڭ قورالىنى تاشلىشى ۋە چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ ئۇكرائىنادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا يەرلىك قوراللىقلارغا قارىتىلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرغان. ئىككى ئايدىن بۇيانقى «جەڭ»دە، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ساداسى بارغانسېرى كۈچەيگەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 18-ئىيۇن، ھىندىستان گورگان تومۇزنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved