چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، دېلتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ لوس-ئانژېلىستىن مىننېئاپولىسقا قاراپ ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىككى ئايال ئايرو خانقىزىنىڭ ئۇرۇشۇپ كېتىشى بىلەن سولت لېيك شەھرىگە جىددىي قونغان.
بىر يولۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ نەپەر ئايروپىلان خادىمى قىلمىشى چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ئايروپىلاندىن چۈشۈرۋېتىلگەن. تاراتقۇلاردا ئېيتىلىشىچە، ئىككى نەپەر ئايرو خانقىزى خىزمەتتىكى مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۇرۇشۇپ كەتكەن، ئاخىرىدا ھەتتا قول-پۇتلىرىنى ئىشقا سالغان. ئۈچىنچى بىر ئايروپىلان خادىمى بولسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەسىھەت قىلىمەن دەپ تاياق يېگەن. ئۇلار بۇ ئىشنى ئايروپىلان باشلىقىغا خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ئايروپىلاننى دەرھال سولت لېيك شەھرىگە جىددىي قوندۇرۇشنى قارار قىلغان.
ئايروپىلان سولت لېيك شەھرىدە 80 مىنۇت توختىغان ۋە يەنە داۋاملىق مىننېئاپولىسقا قاراپ ئۇچقان. بۇ ئايروپىلان پىلانىدىكىدىن 75 مىنۇت كېچىپ مىننېئاپولىسقا يېتىپ بارغان.
دېلتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يولۇچىلاردىن ئوچۇق-ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان. ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزدىكى بەزى خادىملار ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنى نامايەن قىلالماي قالدى. بىز گۇرۇپپىمىزدىكى ھەر بىر خادىمنىڭ ھەر ۋاقىت كەسپىي، ئەدەبلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر بۇ ئىش سىلەرگە قولايسىزلىق ھەم بىئارامچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولسا كەچۈرۈم سورايمىز.»
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved