مورىنھو ئىشتىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن تاراتقۇلار مورىنھونىڭ ئىككى قېتىم چېلىسىغا مەشقاۋۇل بولغاندىكى نەتىجىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان.
تۇنجى قېتىم چېلسىغا مەشقاۋۇل بولغاندىكى نەتىجىسى
ۋاقتى: 2004-يىلى 6- ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ 2007-يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە 1205 كۈن، 185 مەيدان مۇسابىقىگە تىرېنېرلىق قىلغان بولۇپ چېلىسى كوماندىسى 124 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 40 مەيدان تەڭلىشىپ 21 مەيدان ئۇتتۇرغان. غەلىبە قىلىش نسبىىتى %67 بولغان. 300 توپ ئۇرۇپ 119 توپ كەتكۈزۈپ قويغان، ھەر بىر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.23 نومۇر ئالغان، ھەر بىر مەيداندا 1.78 توپ ئۇرۇپ، 0.64 توپ كەتكۈزگەن.
ئىككىنچى قېتىملىق مەشقاۋۇل بولغاندىكى نەتىجىسى
ۋاقتى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە 926 كۈن. چېلسى كوماندىسىنى باشلاپ 136 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 136 مەيدان مۇسابىقىدە چېلسى كوماندىسى 80 مەيدان ئۇتۇپ، 29 مەيدان تەڭلىشىپ، 27 مەيدان ئۇتتۇرغان، غەلىبە قىلىش نىسبىتى %58.8 بولغان. ئومۇمىي كىرگۈزگەن توپ سانى 245 ، كەتكۈزگەن توپ سانى 121، ھەربىر مەيداندا ئېرىشكەن ئوتتۇرىچە نومۇرى 1.98 نومۇر. ھەربىر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.8 توپ ئۇرۇپ، 0.89 توپ ئۇرغان.
قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى
تۇنجى قېتىم چېلسىغا مەشقاۋۇل بولغاندا مورىنھو ئىككى قېتىم بىرلەشمىنىڭ مېدالى، بىر قېتىم پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ لوڭقىسى. بىر قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى، بىر قېتىم رايونلار قالقىنى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. ئىككىنچى قېتىم مەشقاۋۇل بولغاندا بىر قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونى، بىر قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.
يۆتكىلىش ھەققى جەھەتتە:
تۇنجى قېتىم مەشقاۋۇللۇق قىلغاندا باشقا توپچىلارنى يۆتكەپ ئەكېلىش ئۈچۈن 504 مىليون فوندستېرلىڭ خەجلىگەن، چېلسى كوماندىسدىكى توپچىلارنى باشقا كوماندىلارغا 285 مىليون فوندستېرلىڭغا ساتقان.
ئىككىنچى قېتىم مەشقاۋۇل بولغىنىدا 278 مىليون فوندستېرلىڭغا ئادەم ئەكېلىپ 191 مىليون فوندستېرلىڭغا ئادەم ساتقان.
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved