ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىش، ياساش، ئىشلىتىش-بىر دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالى ياسمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە. جۇڭگونىڭ مۇستەقىل ماركىسى بولغان شىنسۇڭ ماشىنا ئادىمى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تاياندى، ھازىر بۇ مەھسۇلات ئون نەچچە دۆلەتكە ئېكىسپورت قىلىنىپ، خەلقئارا بازارغا يۈزلەنگەن جۇڭگو ماشىنا ئادىمىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى.
يېقىندا شىنسۇڭ ماشىنا ئادىمى شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولغان ئىقتىدارلىق كۆچمە خەۋەرلىشىش ماشىنا ئادىمى ئىشلتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ماشىنا ئادەم يەر ئاستى كابىل ئىندۇكسىيە پەيدا قىلغان ماگىنىت مەيدانىغا تايىنىپ توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ماشىنا ئادەمنى توك بىلەن زەرەتلەشنىڭ ھاجىتى يوق، داۋاملىق ھەرىكەتلىنىۋېرىدۇ. بۇ تېخنىكا جۇڭگودىلا ئەمەس، دۇنيادىمۇ ئالدىنقى سەۋىيەدە تۈرىدۇ.
يادرو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئالى مۇئامىلدارلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش- شىنسۇڭنىڭ تېز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئامىل. شىنسۇڭ ماشىنا ئادىمى مەملىكەت ئىچىدە باشلامچى بولۇپ، سانائەت ماشىنا ئادىمىنى كونترول قىلىدىغان يۇمشاق دىتالنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىزىم ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا يېڭى بىر ئەۋلاد سانائەت ماشىنا ئادىمىگە ئىشلەتتى، تەتقىق قىلىپ ئاچقان زور يۈك ۋاكۇئۇملۇق مېخانىكا چەتئەلنىڭ مۇنۇپۇللىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگو ماركىسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ئورۇننى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە كۆچمە ماشىنا ئادەم تۈركۇملەپ ئىكسپورت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن يەنە مەملىكەت ئىچىدىكى بازار ئۇلۇشىنىڭ %95نى قولغا كەلتۈردى.
ھازىر شىنسۇڭ داۋاملىق ئۆزىنى كېڭەيتىپ بارماقتا. پاكىز ماشىنا ئادەم ۋاكۇئۇم بارلىققا كەلتۈرگەن مۇھىتتا يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ماتېرىيالنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنا ئادىمى چەت يىراق ترانسفورماتور ئىستانسىسىدا لىنىيەلەرنى مۇستەقىل تەكشۈرەلەيدۇ. ئىقتىدارلىق سۆزلەش، تاماق يەتكۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەت تېپىدىكى ماشىنا ئادەملەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ مۇلازىمەت قىلىدۇ. شىنسۇڭ يەر شاردىكى ماشىنا ئادەم مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ مۇكەممەل كارخانىغا ئايلاندى.
2009-يىلى شىنسۇڭ ماشىنا ئادىمى تۇنجى تۈركۈمدىكى 28 كارخانا سۈپىتىدە جۇڭگو بازىرىغا كىردى. بەش يىلدىن بۇيان، بازاردىكى قىممىتى ئالتە ھەسسە قاتلىنىپ، 35 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يەر شارىدىكى ماشىنا ئادەم كەسپىدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان كارخانىغا ئايلاندى. بەشيۈزگە يېقىن پاتنتى ئارقىلىق، شىنسۇڭنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى يەر شارىدىكى ماشىنا ئادەم كارخانىسى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۈردى.
![]() |
بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى دۆلەتلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارىغا كىردى。
جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرى. تۈنۈگۈن، جۇڭگو ھۆكۈمەت ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved