پەلەستىن بىلەن ئىسرالىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى نىمە؟

‏پەلەستىن سەھىيە تارماقلىرى 20-ئىيۇلغىچە، ئىسرالىيەدە 8-ئىيۇل پارتىلىغان ھەربىي ھەرىكەتتە 500 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقى، 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىسرالىيە تەرەپتىنمۇ ئاز دېگەندە بەش كىشى قازا قىلدى، نەچچە ئون كىشى يارىلاندى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: پەلەستىن بىلەن ئىسرالىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتى، توقۇنۇش بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە، توقۇنۇشنىڭ سىرتقا يامىراش ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولدى.


نۆۋەتتە، ئىسرالىيەنىڭ يەر ئۈستى ۋە ھاۋادىكى ھەرىكىتى يەنىلا كەسكىنلەشتى، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىمۇ ئىسرالىيە تەۋەسىگە راكېتا بومبا قويۇپ بەردى. ئىسرالىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاماسنىڭ ئىسرالىيە ئاممىسىغا قاراتقان ھۇجۇمى تۈگىتىلمىگىچە ئىسرالىيەنىڭ ھۇجۇمى داۋاملىشىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: پەلەستىن بىلەن ئىسرالىيە توقۇنۇشىنىڭ توختىماسلىقىدىكى سەۋەپ توقۇنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق نىشانى بىردەك ئىشقا ئاشمىدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش شەرتى ئىسرالىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي ئېرۇسالمىدىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىش، ئالايلۇق تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش خاراكتىرىدىكى ھەرىكەت قاتارلىقلارنى توختىتىش؛ ئىسرالىيە بىلەن مىسىر غەززا رايونىدىكى چەكلىمىسىنى يەنىمۇ بوش قويۇۋېتىش، رافا ئېغىزىنى تامامەن ئېچىۋېتىش؛ ئىسرالىيە پەلەستىنلىك 51 قۇراللىق خادىمنى قويۇپ بېرىش؛ 6-ئايدا تەشكىللىگەن پەلەستىننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى توختىتىش.



ئىسرالىيە بۇ قېتىمقى ھەربى ھەرىكەت ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى: قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ يەھۈدىلىك ياشتىن ئۆچ ئېلىش؛ خاماس قويۇپ بەرگەن راكېتا ئوقىنى ئىسرالىيەنىڭ جەنۇبىي تەھدىد ئېلىپ كېلىشىنى توسۇش؛ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۈچەيگەن خاماسنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇش. خاماس بىلەن ئىسرالىيە ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرمىغاندىن كېيىن قارشى تەرەپكە ئۆز ئاجىزلىقىنى بىلدۈرگىسى كەلمىدى، شۇڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇش توختاتمىدى.


ئىسرالىيە بىلەن خاماس ئۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئەھۋالدە، خەلقئارانىڭ ياراشتۇرۇشىنىڭ ئاجىز بولۇشى توقۇنۇشنى كەينىگگ سۆرەپ ھەل قىلماي كېلىۋاتقان مۇھىم سەۋەب. مىسىر 13- ئىيۇل پەلەستىن ۋە ئىسرالىيەگە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىنى بەردى. ئىسرالىيە 15-ئىيۇل تەشەببۇسنامىنى قۇبۇل قىلىشنى قارار قىلدى، ئەمما خاماس 16-ئىيۇل بۇ تەشەببۇسنامىنى رەت قىلدى. خاماسنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: مىسىرنىڭ خاماس بىلەن ئالدىن كېلىشمىگەن ئەھۋالدا ئۇرۇش توختىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خاماسنى چەكلەش كۈچى بولمىدى. ئەمەلىيەتتە خاماس مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: مىسىرنىڭ تەشەببۇسىنىڭ رولى بولمىدى، خاماسنى ئىسرالىيەگە تەسلىم قىلدۇردى.
مىسىرنىڭ تەشەببۇسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەر ھازىرغا قەدەر ئىسرالىيە بىلەن خاماس تەڭ قۇبۇل قىلىدىغان ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى بېرەلمىدى. ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى پەلەستىن بىلەن ئىسرالىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان مەيدانىنى ئىپادىلەپ، بۇ دۆلەتنىڭ خاماسقا بولغان ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.


قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ مەيدانى بىر قەدەر بىردەك، خاماسنىڭ تەكلىپىگە ھىساشلىق قىلىدۇ، خاماسمۇ قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ باشقا بىر تاللىغىلى بولىدىغان لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قارىشى بىردەك. خاماسقا نارازى. بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان مىسىر ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى تېررورلۇق تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزدى، خاماس بىلەن مۇسۇلمان قېرىدناشلار جەمئىيىتىدە قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت بار. بۇ خاماسنىڭ مىسىر ھۆكۈمىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىنىڭ ئىنشەنچىسى يېتەرسىز بولدى.


بۇ قېتىمقى پەلەستىن ئىسرالىيە توقۇنۇشىدا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار جەھەتتىكى ياراشتۇرۇش تىرىشچانلىى كۆرىنەرلىك يېتەرسىز بولدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا رۇشەن ھالدا رۇسىيەگە يان بېسىش مەيدانىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى توقۇنۇشتا پەلەستىن بىلەن ئىسرالىيەدە قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارانىڭ ياراشتۇرۇش بېسىمىمۇ بىردىنلا ئېشىپ كەتتى.


زېمىن ماجىراسى پەلەستىن بىلەن ئىسرالىيە توقۇنۇشىنىڭ مەنبىيى، ئىسرالىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىشى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشمايدۇ. پەلەستىن قۇراللىق كۈچلىرىنى قايتۇرمايدۇ. سۆھبەتلىشىش پەلەستىن ئىسرالىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىرى چىقىش يولى.‏



خەتكۈچلەر:
23-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek