12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى برازىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن برازىلىيەلىك داڭلىق ۋاراتار چېنى يەنىلا يېشىل چىملىقتىن ئايرىلمايدىكەن. سان پاۋلو كوماندىسى كېيىنكى پەسىلدىكى جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، كېلەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تۈردىكى بۇ مۇسابىقىدە، مۇبادا سان پاۋلو كوماندىسى شاللىنىپ كېتىپ قالسا، ئۇ چاغدا چېنىمۇ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىنكەن. چېنى بولسا جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول مۇنبىرىدىكى رىۋايەتلىك شەخىس بولۇپ، بۇ يىل 10-ئايدا، ئىلگىرى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسدا ئۇزۇن يىل توپ تەپكەن گىگىستىن ئېشىپ، بىر كوماندىدا ئويناپ يەڭگەن مۇسابىقىسى ئەڭ كۆپ ماھىر بولۇپ قالغان. ئىگەلىنىشچە، بۇ چېنىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق «جىنىس دۇنيا رېكورتى» يارىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. يەنى بىر كوماندىدا كاپىتان بولغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ توپچى، كىرگۈزگەن توپ سانى ئەڭ كۆپ ۋاراتار، شۇنداقلا بىرلا كوماندىدا مەيدانغا چىققان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ماھىر قاتارلىقلار،
يېقىندا ئاخىرلاشقان 2014-يىللىق برازىلىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسدە، چېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سان پاۋلو كوماندىسى ئىككىنچى بولغان. ھەمدە كېيىنكى پەسىللىك جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. يېقىندا چىققان خەۋەردە، چېنى ئېھتىمال ئەمدى چېكىنىشى مۇمكىن دېيىلگەن. مانا ئەمدى بۇنىڭمۇ جاۋابى چىقتى. يەنى چېنىنىڭ سان پاۋلو كوماندىسدا داۋاملىق قاپقا قوغدىشى مۇقىملاشتى.
چېنى مۇنداق دىگەن: «مەن توختام ئۇزارتىشتىن بۇرۇن كۇلۇب يۇقۇرى قاتلىمىغا: «سىلەرنىڭ مېنى ئېلىپ قېلىشىڭلار، مېنىڭ ئىلگىرىكى تۆھپەم سەۋەبىدىنمۇ، ياكى كېيىنكى تۆھپەممۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇلار ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «سېنىڭ كېيىن كۇلۇبقا قوشماقچى بولغان تۆھپەڭ- دېدى. مېنىڭ توختامىم 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى توشىدۇ. مەن ھازىرمۇ ئەڭ ياخشى ھالىتىمدە تۇرىۋاتىمەن. جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسدا ئۆزەمنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاشقا تىرىشىمەن. ئەگەر بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بۇلالىساق، ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى قالتىس ئىش بولغان بۇلاتتى»
چېنىنىڭ قاپقا ئالدىدىكى ھەرىكەتلىرى ناھايىتى چەبدەس بولۇپ، تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن. بولۇپمۇ ئىختىيارى توپ ماھارىتى ھەممەيلەننى قايىل قىلىدۇ. گەرچە ۋاراتار بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر 100 دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن. ( ئاساسەن ئىختىيارى توپتا نومۇر ئالغان ) 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى كەسپىي ھاياتىدىكى 100-توپىنى كىرگۈزگەن. بۇ باشقا كوماندىدىكى بىرەر داڭلىق ھۇجۇمچىغا نىسبەتەنمۇ خېلى چوڭ سان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىرمۇ كوماندىنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى، بۇ ۋاراتار 1992-يىلى سان پاۋلو بىرىنچى سەپ كوماندىسغا تاللانغان. باشتىن-ئاخىر ئىزچىل مۇشۇ كوماندىدا ۋاراتار بولغان. 1997-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا برازىلىيە دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن 16 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. ( چېنىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئەڭ قالتىس ئۇرغان 10 توپى. تۆۋەندىكى فىلىم )
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved