رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 27-فېۋرال مۇنداق دېدى: سىرتقى بېسىم رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. لاۋروف شۇ كۈنى رۇسىيە دىپلوماتىيە ئىنىستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناىسۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشدا يولغا قويۇۋاتقان زىددىيەتلىك سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل يەرشارى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىسىز. ئۇ مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرى بىر تەرەپتىن رۇسىيەنى يېتىم قالدۇرۇپ، رۇسىيە مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيەنى جازالىماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلەردە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلماقتا. غەرب ئەللىرى، رۇسىيەنىڭ پائال قاتنىشىشى بولمىسا، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved