تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغاننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىشى مۇقىملىشىپ قالدى

شىنخۇا تورى. ئەنقەرە، 10-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرقى زۇڭلى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ـــ ئادىللىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەردوغان 10-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق زۇڭتۇڭ بىۋاسىتە سايلىمىدا يېرىمدىن كۆپرەك سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن، ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى % 52.2 كە يېتىپ، سايلامدا غەلىبە قىلىشى مۇقىملىشىپ قالغان.


تۈركىيەدىكى جەمئىي 53 مىليون سايلىغۇچى خەلق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېڭى زۇڭتۇڭنى سايلاشقا بېلەت تاشلىغان. تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلغان % 98 لىك سايلام بېلىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئىستاتىستىكىلىق نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىي ھەرىكەت پارتىيەسى بىرلىكتە نامزاتلىققا كۆرسەتكەن سابىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى ئېھسان ئوغلى ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى % 38.7 بولغان، كۇردلارغا مايىل خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى تەۋسىيە قىلغان نامزات دېمىرتاش ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتى % 9.1 بولغان.


بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن ئەردوغان ئىلگىرى ئەخلاق پارتىيەسى ئىستانبول پارتىيە بۆلۈمىنىڭ رەئىسى بولغان. 1994-يىلى 3-ئايدا، ئىستانبول شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئۇ تۈركىيە دۆلەتلىك بىخەتەرلىك سوتى تەرىپىدىن ‹‹دىنىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىدىغان سۆزلەرنى قىلغان›› دېگەن سەۋەب بىلەن 10 ئايلىق قامىلىپ، بەش يىل ئىچىدە سىياسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. 2001-يىلى 8-ئايدا، ئەردوغان ئەخلاق پارتىيەسى بىلەن ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغان نەۋقىران گۇرۇھى بىلەن بىرلىكتە ئادىللىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى قۇرغان ھەمدە رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.


2002-يىلى 11-ئايدا، ئادىللىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، دەرھال ئاساسىي قانۇننىڭ ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئەردوغاننىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىنماسلىقىدەك چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىغان. 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، زۇڭتۇڭ سېزېر ئەردوغاننى زۇڭلىلىققا تەيىنلىگەن ھەمدە كابىنېت تەشكىللەش ھوقۇقى بەرگەن. 2007-يىلى 7-ئايدا، ئادىللىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يەنە بىر قېتىم غەلىبە قىلىپ، ئەردوغان ئۇدا زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن. 201-يىلى 6-ئايدا، ئادىللىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۇدا 3-قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ئەردوغان ئۇدا زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن.


تۈركىيەدە زۇڭتۇڭنى پارلامېنت سايلاش ئاۋام-خەلق بىۋاسىتە سايلاشقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتىمۇ يەتتە يىلدىن بەش يىلغا قىسقارتىلدى، ئەمما ئۇدا يەنە بىر نۆۋەت زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىسە بولىدۇ. تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان كۈن تەرتىپ جەدۋىلىگە ئاساسەن، زۇڭتۇڭ بىۋاسىتە سايلىمىغا 1-نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش 10-ئاۋغۇست ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئەگەر 1-نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا ھېچكىم % 50 لىك بېلەت نىسبىتىدىن ئاشالمىسا، 24-ئاۋغۇست 2-نۆۋەتلىك سايلامغا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

 



خەتكۈچلەر:
12-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
06-05-2016
    ھىندى مۇرتلىرى گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ 62 مىليون دوللار تىنچلىقنى قوغدا...
06-05-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، جەنۇبىي ئافرىقا كاپېتوۋن، جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسى ئۈستىدە داۋاملىق كېڭەشكەن بولۇپ، زۇڭتۇڭ زۇما نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئۆكتىچى پارتىيە ئىقتىسادىي ئەركىنلىك جەڭچىسى پارتى...
06-05-2016
    جۇڭگو گېزىتى تورى، 6-ماي تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ چېگراسىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئاز...
Powered by Leglek