ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ئا س گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى باش بېتى پولشالىق داڭلىق ھۇجۇمچى لېۋانتوۋسىكىغا مەنسۇپ! ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىردا ئېلىپ بېرىلغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن گېتاف كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە، لېۋانتوۋسىكىنىڭ ۋاستىچىسى نەق مەيدان كۆرۈش سۇپىسدا ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرگەن بولۇپ، ئىگەللىنىشچە، بۇ ئادەمنى خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى مۇسابىقە كۆرۈشكە مەخسۇس تەكلىپ قىلغان ئىكەن. خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ رەئىسى فىلورىنتىنو قاتارلىق يۇقىرى قاتلامدىكى بىر نەچچە ئادەم بۇ ۋاستىچىغا ھەمراھ بولغان. «ئا س گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى لېۋانتوۋسىكىنى سېتىۋېلىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىغان.
لېۋانتوۋسىكى بولسا يۇقىرى ئۈنۈلۈك ھۇجۇمچى، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىغا دەل مۇشۇنداق توپچى لازىم، كىرىستىئانو رونالدونىڭ كېتىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ، بېنزېمانىڭ ئىشى تەرەققى قىلسا ئۇ تۈرمىگە كىرىشىمۇ مۇمكىن. خان جەمەتى مادرىد تەرەپنىڭ قارىشىدا، لېۋانتوۋسىكى بىلەن بېل ياخشى ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ. لېۋانتوۋسىكى ئۆزىمۇ خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىغا قىزىقىدۇ. ئۇ ئەزەلدىن خان جەمەتى مادرىد مەستانىسى، ئۇنىڭ يېقىندا بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ توختام ئۇزارتىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ئۇنى يۆتكەش ئۈچۈن يىللىق ئىش ھەققىگە 12 مىليون ياۋرو بېىرشكە رازى بولدى. مۇبادا كىرىستىئانو رونالدو كوماندىدىن ئايرىلسا، ئۇ چاغدا بۇ پولشالىق كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئىزىنى تامامەن بېسىپ كېتەلەيدۇ. لېۋانتوۋسىكى ئەينى چاغدا نېمىشقا خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىغا قۇشۇلمىغان؟ بۇنىڭغا ئا س گېزىتى جاۋاب بېرىدۇ.
2013-يىلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە لېۋانتوۋسىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا تۆت توپ ئۇرغان. ئارقىدىن مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو ئۇنىڭغا تەكلىپ ئەۋەتكەن. لېكىن ئۇ رەت قىلغان. 2013-يىلى 12-ئايدا، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم تەكلىپ ئەۋەتكەن. ئەمما لېۋانتوۋسىكى 2014-يىلى ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىغا بېرىشنى قارار قىلغان. لېۋانتوۋسىكىنىڭ قارىشىدا، كىرىستىئانو رونالدو بار يەردە ئۆزىنىڭ كوماندىدا غوللۇق ئەزا بولالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن. كېلەر يىلى يازدا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسدا چوڭ بۇرۇلۇش بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر كىرىستىئانو رونالدو ئايرىلسا لېۋانتوۋسىكى مۇستەققىل ئوت ئېچش ھۇقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ئۇنىڭ نىشانى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، ئۇ بېرنابودا ئۆزىنى نامايەن قىلالىسا بۇ مۇكاپاتقا تېخىمۇ يېقىنىلىشىدۇ. بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسدا ئالتۇن توپ ئېلىش پۇرسىتى ئاز، 2013-يىلىدىكى ئالتۇن توپ بۇنىڭ تىپىك مىسالى، شۇ چاغدا تۆت تۈردىكى لوڭقىدا چېمپىيون بولالمىغان كىرىستىئانو رونالدو بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ ماھىرى «تارتۇق يۈز خەنجەر» رىبىرىگە بېسىم قىلىپ مۇكاپاتنى ئالغان.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved