قاناتلانغان ئارزۇ

ماتېريال سۈرەت

  ئالاقە تورىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى مۇلازىمەت كەسپىمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى ۋە بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرى يىتىشىپ چىقتى.مىللىتىمىز ئارىسىدىمۇ ئالاقە تورى ساھەسىدە كۈنسېرى يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئىختىساس ئىگىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۈرۈمچى «ئۆتكۈر بىز»يۇقىرى تېخنىكا يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، ئىزدەش ماتورى مۇتەخەسىسى ئالىم ئابدۇراخمان مۇشۇ ساھەدە يېتىشىپ چىققان پەخىرلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى.

  قۇمۇل ۋىلايىتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئالىم ئابدۇراخماننىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرى كەڭ تەبىئەت قوينىدا غەمسىز ۋە ئەركىن ئۆتكەنىدى. ئالىم ئابدۇراخماننىڭ ئاتا – ئانىسى گەرچە دېھقان بولسىمۇ ئالىم ئابدۇراخماننىڭ ئوقۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى. بۇ ئالىم ئابدۇراخماننىڭ تىرىشىپ ئوقۇشىغا مەدەت بولدى.بەلكىم ئائىلىسىدە سودىگەرلەر بولغانلىقىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئالىم ئابدۇراخمان كىچىكىدىن سودىغا قىززىقاتتى، شياڭگاڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بىر شىركىتى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.

  ئالىم ئابدۇراخمان تۇلۇقسىز بىرىنچى يىللىقتىكى ۋاقىتلاردا، ئۇ ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ 20دانە بىرىنچى تۈركۈمدىكى 386 تىپلىق كومپىيوتىرنى سېتىۋېلىپ ئەكەلدى. ئۇ ۋاقىتلاردا كومپىيوتىر دەرسى يوق، پەقەت بىرنەچچە ئانچە - مۇنچە كومپىيوتىر بىلىدىغان ئوقۇتقۇچى كومپىيوتىرغا قىززىقىدىغان بىرقانچە ئوقۇغۇچىنى باشلاپ كومپىيوتىرغا مۇناسىۋەتلىك ئاددى ساۋاتلارنى ئۆگىتەتتى.بۇ ئالىم ئابدۇراخماننىڭ تۇنجى قېتىم كومپىيوتىر بىلەن ئۇچرىشىشى بولۇپ، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ھاياجانلانغانىدى. ئالىم ئابدۇراخمان كومپىيوتىر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا « كەلگۈسىدە كومپىيوتىر شىركىتى قۇرىمەن »دەيدىغان ئارزۇ پەيدا بولدى، ئۇ بۇ ئارزۇسىنى ساۋاقداشلىرىغا ئېيىتقاندا، ھەممەيلەن ئۇنى قوللىدى، ھەتتا چاقچاق قىلىپ كەلگۈسىدە ئۇنىڭ شىركىتىگە بېرىپ ئىشلەيدىغان بۇلۇشتى.

  ئالىم ئابدۇراخمان تۇلۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خەۋەر تارقالدى. ئەينى ۋاقىتتا سان چەكلىك، پۈتۈن قومۇل ۋىلايىتىدىن ئاران 16 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسىمۇ، كىچىك ئالىم ئابدۇراخماننى ناھايتى ھاياجانلاندۇردى. ئالىم ئابدۇراخمان تۇلۇقسىز 3-يىللىققا چىققان يىلى ئۆز مەكتىپىدىن تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ئۈچەيلەننىڭ ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغانلىقى ئالىم ئابدۇراخماننىڭ قەلبىدىكى ئۈمىد مەشئىلىنى ياندۇردى.

  ئالىم ئابدۇراخمان زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىنى ياخشى بېرىپ، قومۇل ۋىلايىتى بويىچە ئىككىنچى بۇلۇپ، ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قۇبۇل قىلىندى. ئالىم ئابدۇراخماننىڭ ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىشى ئۇنىڭ ھاياتىغا نۇرغۇنلىغان « بىرىنچى قىتىم» لارنى ئېلىپ كەلدى: بىرىنچى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇش، بىرىنچى قېتىم قومۇلنىڭ سىرتىغا چىقىپ بېقىش،  بىرىنچى قېتىم ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىش، بىرىنچى قېتىم دېڭىزنى كۈرۈش....بۇ نۇرغۇنلىغان  « بىرىنچى قېتىم» لار ئالىم ئابدۇراخماننىڭ ھاياتىدا پۈتۈن بۇرۇلۇش پەيدا قىلدى.

  ئالىم ئابدۇراخمان قوبۇل قىلىنغان گۇاڭجۇ 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىم ئابدۇراخماننىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرغان خاسىيەتلىك ماكان. ئالىم ئابدۇراخمان گۇاڭجۇ 6-ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان يىلى، گۇاڭجۇ 6-ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭ سىنىپى ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمنىڭ مەخسۇس كومپىيوتىرى بار كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن بۇلۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا شۇ يەرلىك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئېرىشەلمەيدىغان ئەۋزەل شارائىت ھىسابلىناتتى.بۇ خىل مۇھىت ئالىم ئابدۇراخماننىڭ كومپىيوتىرغا بولغان قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.ھەركۈنى كەچتە ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى كومپىيوتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن ئالىم ئابدۇراخمان، تۇلۇق 2- يىللىققا كەلگەندە تور بەت ياساش بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدى، شۇنداقلا گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تور بەت ياساش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. گەرچە ئاخىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئالىم ئابدۇراخماننىڭ ئارزۇسى ئاستا ئاستا قاناتلاندى.

  2005-يىلى ئالىم ئابدۇراخمان ئۆز ئارزۇسى بويىچە بىيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كومپىيوتىر كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن، يۇمشاق دېتال ئېچىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا گۇروپپا يىتەكچىسى بولۇپ، بىيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بىتىنى ياساش قۇرلىشىغا مەسئۇل بولدى. ئالىم ئابدۇراخمان ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئالتە يىل بولغان بولسىمۇ، بىيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بىتىدە تاھازىرغىچە يەنىلا ئۇنىڭ لاھىيەلىرى ۋە بەت يۈزى ئىشلىتىلمەكتە.

  تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا، ئالىم ئابدۇراخمان كەسپىي بىلىملەردىن سىرت يەنە، ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. توففېل، GREئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى ئالغان، چەت - ئەلگە چىقىپ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئارزۇسىنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن ۋاز كېچىپ، بېيجىڭدا قېلىپ يۇمشاق دىتال شىركىتىدە ئىشلەشنى تاللىدى.

  بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، ئالىم ئابدۇراخمان ھازىرقى شىركىتىدىكى سودا ھەمراھلىرى بىلەن تۇنۇشتى ۋە ئۆز ئارزۇسىنى ئورتاقلاشتى. ھەمراھلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى ۋە ياردىمى بىلەن، ئالىم ئابدۇراخمان يۇرتىدىن ئايرىلغىلى 13يىل بولغان يىلى، يەنى 2013-يىلى شىنجاڭغا قايتىپ ئۈرۈمچى «ئۆتكۈر بىز»يۇقىرى تېخنىكا يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇلار ئاران ئۈچ ئادەم بۇلۇپ ،كىچىككىنە بىر ئىشخانىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئىش باشلىدى. شارائىت ناچار بۇلۇش، مەبلەغ قىس بۇلۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇققاندىمۇ بەل قويۇۋەتمىدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچى «ئۆتكۈر بىز»يۇقىرى تېخنىكا يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ كۆلىمى چوڭايدى، ئادەم سانىمۇ دەسلەپكى ئۈچ ئادەمدىن ھازىرقى 15ئادەمگە كۆپەيدى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، ئالىم ئابدۇراخمان ۋە ھەمراھلىرىنىڭ توختىماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچى «ئۆتكۈر بىز»يۇقىرى تېخنىكا يۇمشاق دېتال شىركىتى 20نەچچە ئەپ، 10نەچچە توربەتلەرنى لاھىيىلەپ، ياساپ چىقپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىشىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ھازىر بۇ شىركەت كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق دىتال ۋە كومپىيوتىر كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.



خەتكۈچلەر:
11-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-05-2016
    ئەدىب، ژۇرنالىست بەگمەت يۈسۈپ 1964 - يىلى 12 - ئايدا قومۇلدا تۇغۇلغان. 1987 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1...
10-05-2016
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: داڭلىق پۇتبول چولپىنى بېكخامنىڭ 17 ياشقا كىرگەن ئوغلى برۇكلىن يېقىندا پراۋا ئالغان بولۇپ، 4-چىسلا ھەشەمەتلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا چەتئەل ماراقچىلىرى تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىۋېلىنغان، برۇ...
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: لىئوناردو دىكاپىرو قىز دوستى بىلەن جاستىن بىيبېرنىڭ ناخشا كېچىلىكى يىغىلىشىغا قاتناشقان بولۇپ، لىئوناردو يول بويى ماراقچىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ چىرايىنى توسۇپ ماڭغانىدى، كەينىدە بولسا ئورۇق، ئېگىز، ئ...
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى، لوس ئانژېلىس شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، دەرىجىدىن تاشقىرى داڭلىق مودېل مىراندا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىققان بولۇپ، چىرايىدىن خۇشاللىق يېغىپ تۇراتتى.
08-05-2016
    بىر قانچە كۈن بۇرۇن، شاھرۇھ خاننىڭ فىلىم گۇرۇپپىسى ئەسلىدە بۇ روزا ھېيتتا قويۇلىدىغان، كىشىنى بەك تەقەززا قىلغان فىلىم «Raees» نىڭ كېلەر يىلى جۇمھۇرىيەت كۈنى، يەنى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ب...
08-05-2016
    ئامېرىكا دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 3-ماي ئىندىيانا ئىشتاتىدا تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى ترومپ بىر ھەپتە ئىلگىرى شەرقىي شىمالدىكى بەش ئىشتاتنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ي...
07-05-2016
    كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يېقىندا 27 كىشىگە «20-نۆۋەتلىك جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالى» بەردى، 5 كوللىكتىپقا «جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالىغا ئېرىشكەن كوللىكتىپ» دەپ نام بەرد...
07-05-2016
    قاتار گەرچە پارس قولتۇقىدىكى كىچىككىنە ئارال دۆلەت بولسىمۇ، لىكىن ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ شۇنچە باي بولۇشىدىكى سىر، بىرى ئېنىرگىيە بايلىقى ئىكسپورت قىلىش يەنە بىرى خەمىد بىن خەلىفە ئو...
06-05-2016
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلىسلىق 43 ياشقا كىرگەن ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئەتكارى مايكېل روسنىر ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەدىنىگە رەسىم سىزغان. ئۇ ئاساسىي ...
Powered by Leglek