چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلىرىنىڭ يانفونغا تايىنىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن

      تەيۋەن تاراتقۇلىرى خەۋىرى، ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %75 دىن يۇقىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچى ساياھەتكە چىققاندا ئەقلىي ئىقتىارلىق يانفون ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ نىسبەت ھەتتا تازىلىق قەغىزى، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق بۇيۇملاردىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلىرنىڭ يانفونغا تايىنىش دەرىجىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان%87 جۇڭگولۇق ساياھەتچى ساياھەتكە چىققاندا يانفون ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

     يەر شارى بويىچە، ئەڭ چوڭ ساياھەتچىلىك سۇپىسى ھېسابلىنىدىغان TripAdvisor مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى «2016-يىللىق دۇنيا ساياھەتچىلىك ئىقتىساد دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلات دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 44 مىڭ نەپەر ساياھەتچى ۋە مېھمانخانا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىمنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەييارلانغان، بۇلار 32دۆلەت ۋە رايونغاتارقالغان بولۇپ، يېشى 18 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنى ئاساس قىلغان. بۇ دوكلات يەر شارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ساياھەت كەسپى مۆلچەر دوكلاتى بولۇپ، 2016-يىلىدىكى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، پۈتۈن يەر شارىدىكى %69 تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچى 2016-يىلى ئوخشىمىغان شەكىلىدىكى ساياھەت قىلىش ئۇسۇلىنى سىناپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، جۇڭگودىكى تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار ئىچىدە بۇ نىسبەت %83 گە يەتكەن. بۇلاردىن سىرت مال سېتىۋېلىش جۇڭگو ساياھەتچىلىرىنىڭ ساياھەت جەريانىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان %41 جۇڭگولۇق ساياھەتچى ساياھەت جەريانىدا مەخسۇس مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر چاماداننى ئارتۇق ئېلىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى بولسا %30، بۇ مال سېتىۋېلىشنىڭ جۇڭگو ساياھەتچىلرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ھارپىسىدا، خەلق ئاممىسى خۇشال ھالدا دىسنېي كىچىك بازىرى، شىڭيۈەن كۆلى ۋە باغچىنى ساياھەت قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان ناھايىتى تەرتىپلىك بولغان. ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاق ياقىلىقلار شياڭگاڭ ئوتتۇرا ئايلانمىسىدىكى بىر «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» ئىچىدە ژۇرنال كۆرۈپ ئارام ئالماقتا. بۇ «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» يېقىندا ئوتتۇرا ئايلانمىدىكى پۇل مۇئامىلە رايونىدا تىجارەت ب...
05-05-2016
     يۈننەن شياڭگېرىلا بالوڭزون قارلىق تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5545 مېتىر بولۇپ، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا شياڭگېرىلادىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. ماي ئېيىدىكى بالوڭزون قارلىق &nbs...
04-05-2016
    «ياشلىقنى مەدھىيىلەش، مېھىر-مۇھەببەت تۇتاشتۇرۇش» شىنجاڭ «4-ماي» ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 97 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ياشلىق كونسېرتى غەلىبىلىك ئاياغلاش...
04-05-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى›› ناملىق كونسېرت 28 – ئاپرېل ئاپتون...
04-05-2016
    3-چېسلا مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، رايونىمىزدىكى 159 تۈر دۆلەت ساياھەت مەخسۇس تۈر ئامبىرىغا تاللاپ كىرگۈزۈلۈپ بولغان بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش مەبلىغى ئاجرىتىلىپ...
04-05-2016
    ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونىغا ھەقسىز بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل لىنىيەسى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسىمىي ئېچىلدى. ساياھەتچىلەر پەقەت 215 يۈەنلىك بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونىغا كىرىش بېلىتى ھەمدە رايون ئىچى ماش...
01-05-2016
    پوسكام ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى 2015-يىلى قىش پەسلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى قار تېيىلىش مەيدانىنى ئېچىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، بۇ يىل مەزكۇر مەنزىرە رايونىدا يەنە يېڭىدىن ساياھەت تۈرى – جەنۇبىي شىنجا...
30-04-2016
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنېسۇئېلادىكى پەرىشتە شارقىراتمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك شارقىراتما بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر كېلىدىكەن، ئەتراپى چوڭقۇر ھاڭ بولۇپ، ئۇ يەرگە يامىشىپ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆر...
30-04-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇبەي بۇ يىل يازدا دۇنيا رېكورتىنى يارىتىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى تېما قىلىنغان باغچا - IMG تەۋەككۈلچىلىك دۇنياسى (IMG Worlds of A...
Powered by Leglek