ئىستىمالچىلار نازارەت جەمىيىتى قاتارلىق پايدا ئالمايدىغان ئورگانلارنىڭ بېسىمى شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا جەمئىيەتكە ئۆز شىركىتىنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىسىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇش ئۈچۈن گۇگېل شىركىتى بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئايلىق دوكلات شەكلىدە، جەمئىيەتكە شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ كەلدى. 11-ئايلىق ئەڭ يېڭى دوكىاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە گۇگېل شىركىتىنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىلىرى 23 دانە RX450h تىپلىق ئارىلاشما ھەركەتلەندۈرگۈچلۈك شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنا ۋە 30 دانە گۇگېل شىركىتى ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان توكلۇق ماشىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇ ماشىنىلار ئاساسەن كالىفورنىيىدىكى تاغلىق شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بۇ ماشىنىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يول يۈرۈش مۇساپىسى 16 مىڭ كىلومېتىردىن 24 مىڭ كىلومېتىرغىچە بولىدىكەن.
بۇ قېتىمقى 11-ئايلىق دوكلاتتا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن يول يۈرۈش ئۆلچىمى سائىتىگە 60 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدە گۇگېلنىڭ ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان توكلۇق شوپۇرسىز ماشىنىسى سائەتلىك سۈرئىتى 40 كىلومېتىر ئەتراپىدا يول يۈرگەن، نەتىجىدە قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن توختاشقا بۇيرۇق بېرىلگەن. گۇگېل شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل شوپۇرسىز ماشىنىلار ساقچىلارنىڭ بۇيرىقىنى پەرق ئېتىپ يول بويىدا توختىيالايدىكەن ياكى بولمىسا ئېھتىيات بىلەن يول يۈرىدىكەن. ئىلگىرى بېكىتىلگەن كود بويىچە ساقچى چىرىقىنى ياكى ئاۋازلىق بۇيرۇقنى پەرق ئېتەلايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved