چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاۋغۇست خەۋىرى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، تۈركىيە شەرقى دېڭىزنىڭ ئىزمىز دېڭىز ساھىلىدا بىر تۇتاش تەن،قوش باشلىق بىر دېلفىن بايقالغان بولۇپ بۇ دېلفىن جەسسىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 96 سانتىمېتىر كىلىدىغان بىر ياشلىق دېلفىن بالىسى ئىكەن.
شۇ يەردىكى 39ياشلىق كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشچە دەسلەپ بىر دېلفىننىڭ ئېقىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تۇتاش تەن،قوش باشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەكلام ھەيران قانلىقىنى ۋە دەرھال ساقىچىغا ئەھۋال مەلۈم قىلغان ئىكەن.
شۇ يەرلىك ساقچىلارنىڭ ياردىمىدە بۇ دېلفىن بالىسىنىنڭ جەسسىتى تەجرىبىخانىغا ئاپىرىلىپ تەكشۈرۈلگەن.نەتىجىدە بۇ دېلفىن بالىسنىڭ بىرىنىڭ كۆزى تېخى ئىچىلمىغان ۋە ئىككىلىسىنىڭ بېشىدا ھاۋا تۆشۈكىلىرىمۇ ئىچىلمىغانلىقنى بايقىغان.
Ak Denizئۇنىۋېرسىتېتى دېڭىز بىئولۇگىيسى فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسور بۇ تۇتاش تەن،قوش باشلىق غەلىتە دېلفنى كۆرگەن لىكىدىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى خوشال ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان تەتقىقات پۇرسىتى ئىكەنلىكنى ئېيتقان.ئۇ يەنە بۇ ئەھۋالنىڭ خۇددى ئادەملەرنىڭ ئىچىدىمۇ تۇتاش تەن،قوش باش تۇغۇلۇش بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved