ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .خەلقئارا تېز لىنىيىسىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى :ئامېرىكا ھازىر ئاسىيا تىنىچ ئوكياندىكى ھەربىي بازا قۇرلىىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ ،شۇ جاي ۋاقتى 28-ماي سەھەردە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يەرشارى بۈركۈتى ناملىق ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىغا كېلىپ قوندى .
بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەر شارى بۈركۈتى ناملىق يەنە بىر ئايروپىلان بۇ يەرگە قونغان .بۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيدە رازۋىدكا ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ .قارىغاندا يەر شارى بۈركۈتى ناملىق ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 10-ئايغىچە مېكساۋا بازىسىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن . بۇ مەزگىلدە يەر شارى بۈركۈتى ناملىق رازۋېدكا ئايروپىلانى 6-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىنى رازۋېدكا قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.ئۇلارنىڭ ئۇچۇش قونۇش مەشغۇلاتىغا مېكساۋا بازىسى مەسئۇل بولىدۇ .بىراق ھاۋا بوشلىقىدا ئۇچۇش رازۋېدكا قىلىش قاتارلىق يادرولۇق كەسىپلەرنى ئامېرىكا زېمىنىدىكى بازىسىز سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كونترول قىلىدۇ .
يەرشارى بۈركۈتى ناملىق ئىككى ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانى گۇئام ئارىلىدىكى ئاندېرسون ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچقان . تەھلىلچىلەر ئامېرىكىنىڭ يەر شارى بۈركۈتى ناملىق ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانىنى ئالدىدىكى گۇئام ئارىلىدىن ياپونىيىگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى يەنى ئاتالمىش ئىككىنچى ئارال ۋەزىيىتىدىن ئىككىنچى ئارال ۋەزىيىتىگە يۆتكىشى ئېنىقكى ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دەپ قارىدى .يەر شارى بۈركۈتى ناملىق ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بازىسى چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىغا ئىنتايىن يېقىن بۇلۇپ ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىدىكى پائالىيەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ھالدا نازارەت قىلغىلى بولىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا يەر شار بۈركۈتى ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پائالىيەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بۇلۇپ ،جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى بەلۋېغىدىكى پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلالايدۇ .يەر شارى بۈركۈتى ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى 15مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇدا 30 سائەت ئۇچۇرغىلى بولىدۇ .ئايروپىلانغا يۇقىرى ئىقتىدارلىق تېلىكامىرا يۇقىرى ئىقتىدارلىق سۈنئىي كۆز سەپلەنگەن بۇلۇپ يۇقىرى ئېگىزلىكتە يىراق مۇساپىلىك رازۋېدكا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلالايدۇ ،تەھلىلچىلەر يەر شارى بۈركۈتى ناملىق رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ ياپونىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى رايون بىخەتەرلىكىگە ئېنىق بولمىغان ئامىللارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved