ئېفىئوپىيەدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ 10 مىليون ئادەم ئاچارچىلىققا ئۇچرىدى
ئاۋسترالىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 10 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئېلىئونېز ھادىسىسى سەۋەبلىك يەر شارىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن، بولۇپمۇ ئافرىقىدا ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر بولغان. قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئېفىئوپىيەدە كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بەلكىم 10 مىليونغا يېقىن ئادەم ئاشلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە ئۇچرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئېفىئوپىيە ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ياقتۇرمايدىكەن. شۇڭا، مەزكۇر دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئون مىليوندەك ئادەم ئاشلىققا مۇھتاج بولۇشتىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشى، ئۇلارنىڭ زور بىر قەدەم ئالغا باسقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. دېمەك، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى سەۋەبلىك ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بۇ دۆلەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %10 ىنى ئىگىلەيدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئاپەت تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولغان. خەير ساخاۋەت تەشكىلاتى بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 5.75 مىليون بالا ئاشلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىكەن .
خەير ساخاۋەت تەشكىلاتى مۇنداق دېگەن، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئېفىئوپىيەدە 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر ئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 1.4 مىليارد دوللار چىقىم بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved