11- ئاينىڭ 25- كۈنى سەھەر سائەت 2 دە شەندۇڭ ئاۋىئاتسىيەنىڭ بويىن 737-800 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا قونۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى ئايرودرومى ئالاھىدە قارغۇلارچە قونۇش، ۋە سىناق ئۇچۇش ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، بۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا HUD ئەسلىھەسى سەپلەنگەن ئايروپىلانلارنىڭ كۈچلۈك تۇماندىمۇ بۇ ئۈسكىنىگە تايىنىپ ئۇچۇش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى ئۇچۇش يولىدىكى كۆرۈش ئارىلىقى 200 مېتىرغا يەتسىلا ئايروپىلاننىڭ ئۇچسا بولىدىغانلىقى، قونۇش يولىدىكى كۆرۈش ئارىلىقى 350 مېتىرغا يەتسىلا ئايروپىلاننىڭ قونسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جۇڭگو ئاۋىئاتىسىيە ئىدارىسى ئۇچۇش ئۆلچىمى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ياڭ خوڭخيە تونۇشتۇرپ مۇنداق دېدى: HUD ئۈسكۈنىسى ئىنتايىن ئىشەنچىلىك، ئۇ ئايروپىلاننى بىخەتەر ئۇچۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىپلا قالماي يەنە ئايروپىلاننىڭ دەل ۋاقتىدا ئۇچۇپ-قونۇش نىسبىتىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئايرودرومنىڭ ئۇچۇشقا ياردەم بېرىش چىرىقى ۋە يول باشلاش سىستېمىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئۆزگەرتىلمىگەن ئەھۋالدىمۇ، ئايروپىلان ناچار ھاۋارايى شارائىتىدا يەنىلا ئايرودرومغا قونالايدۇ.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved