شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 11-فېۋرال رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى بېلورۇسىيەنىڭ مىنىسكى شەھىرىگە جەم بولۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 10 ئايدەك داۋاملاشقان ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلماقچى بولغان. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو يىغىندىن بۇرۇن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، كۆرۈشۈشتە پوروشېنكو قېتىۋالغان، ئەمما پۇتىن سەل كۈلۈمسىرىگەن. سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۇرۇش يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 20 ئادەم قازا قىلغان.
ئۇكرائىنا، رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى شۇ يەر ۋاقتى 11-فېۋرال بېلورۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا ئۇكرائىنا تىنچلىقى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 10 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇكرائىنادىكى قانلىق توقۇنۇشنى ئاياغلاشتۇرماقچى بولغان.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى بىر زالغا كىرگەندىن كېيىن، پۇتىن پوروشېنكو بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، قىسقا سۆھبەتلەشكەن. كېيىن تۆت دۆلەتنىڭ رەھبىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن. پۇتىن پوروشېنكونىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان، ھوللاند بىلەن مېركېل ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىرىسلودا ئولتۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved