‹‹مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى›› خەۋىرىگە قارىغاندا، ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلىنىڭ يىللىق داڭدار شەخس نامزاتلىرىغا توردا بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ساندېرس بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئاياللارنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن تالىبانلار تەرىپىدىن باش تەرىپىگە ئوق يېگەن پاكىستانلىق قىز مالالاھ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلەر قوشۇنى ھەر يىلى داڭدار شەخسلەرنى تاللاپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەيلى ياخشى بولسۇن، ياكى يامان بولسۇن، بىر يىلدىكى ئاخبارات تەسىرچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان شەخس ۋە ھادىسىنى تاللاشنى ئۆلچەم قىلىدىكەن، بۇ يىللىق نەتىجە 9-دېكابىر ئېلان قىلىنىدىكەن.
مۇھەررىرلەر تاللاشتىن ئىلگىرى، ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلى ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە بېلەت تاشلىتىدىكەن. بۇ يىللىق توردا بېلەت تاشلاش ئاخىرلىشىپ، 7-دېكابىر نەتىجىسى رەسمىي ئېلان قىلىنغان، ساندېرس %10.2 بېلەت بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مالالاھ %5.2 بېلەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئۇ %3.5 لىك بېلەتنى ئىگىلىگەن. بۇ يىل مۇساپىرلار كىرىزىسى ياۋروپانى تىترىتىۋەتكەن بولۇپ، مۇساپىرلار %3 بېلەت بىلەن ئالتىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
بۇ قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، ساندېرسنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىز بولمىغان، لېكىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى تاللاش باسقۇچىدا ئۇ باشتىن-ئاخىر ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، خەلق رايى تەكشۈرۈشىدە قوللاش نىسبىتى ھېلارىدىن 20 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەن بولغان.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved