گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ 18-سېنتەبىر پارىژدا فرانسيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيوس بىلەن بىللە جۇڭگو-فرانسىيە يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى باشلاش مۇراسىمى ۋە تۇنجى قېتىملىق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ليۇ يەندۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادىمىيەت ئالماشتۇرىشى جۇڭگو-فرانىسيە خەلقىنىڭ چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق تونۇشلارنى مۇجەسسەملەش، دوستلۇقنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم يول، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ تارىخ يۈكلىگەن بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىكلىرىنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىدا ياخشى باشلىنىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيىتى بار. فابىيوس مۇنداق دېدى: فرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، فرانسىيە جۇڭگو بىلەن بىللە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇھىم ساھەلەردىكى ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved