ئۈرۈمچى شەھىرى 111 كىچىك ئاشپۇزۇلنى مۆھلەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇدى

مۇخبىر ۋاڭ دۇڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەكتەپ ئەتراپلىرىدىكى كىنىشكىسىز تىجارەت قىلغان، تازىلىق شارائىتى لاياقەتسىز، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولمىغان 111 كىچىك ئاشپۇزۇلغا ئۆزگەرتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، مۆھلەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان.

 


ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا 370 كىچىك ئاشپۇزۇل بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاھالىلەر رايونىنىڭ ئىچىدە ئېچىلغان، تىجارەت ئورنى تارقاق، يوشۇرۇن، نازارەت قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن. يېمەكلىك مۇلازىمىتىدىكى ئىجازەتنامە ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالغان كىچىك ئاشپۇزۇللار ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

 


ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 8 – ئايدا مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھازىرغىچە 291 كىچىك ئاشپۇزۇلنى تەكشۈرۈپ، 126 ئاشپۇزۇلغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەربىيەسى بەرگەن، ئاشپۇزۇل ئېچىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان 111 ئاشپۇزۇلنى مۆھلەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇن ئىجراسى تارماق ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش جەريانىدا رايون، ناھىيەلەردىكى مەھەللە ۋە مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەھەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئالدىغا ئېلان تاختىسى تەسىس قىلىپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇللارنىڭ تارقىلىشى، سۈپىتى، مۇھىتى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىمىز؛ كىنىشكىسى يوق، تىجارىتى قېلىپلاشمىغانلارنى بايقىغان ھامان ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيمىز.



خەتكۈچلەر:
06-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek