ئايروپىلاندا تورغا چىقىش ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى بېيجىڭدىن چېڭدۇغا ئۇچقان دۆلەت ئاۋىياتسىيەسى CA4116 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى يۆنىلىشتە ئۇچقان CA4109 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى تۇنجى تۈركۈم تەلەيلىك يولۇچىلار 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا تورغا چىقىش ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولدى. ئايروپىلانغا چىقىپ باققان يولۇچىلارغا مەلۇمكى ئايروپىلاندا يان تېلېفون ئېچىشقا يول قويۇلمايدۇ، تاختا كومپيۇتېر ۋە خاتىرە كومپيۇتېرلارنى پەقەت ئايروپىلان مۇقىم ئۇچۇۋاتقان چاغدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئايروپىلاندا تورغا چىقسا ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتەمدۇ – يوق؟


كۆپ يىللىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يان تېلېفوننىڭ خىزمەت چاستوتىسى بىلەن ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىزمەت چاستوتىسى يېقىنلىشىپ قالىدىغان بولغاچقا، يان تېلېفون رادىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە قارىتا يوشۇرۇن خەۋپى بولىدۇ. ئەمما باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، مەسىلەن: ئالما تاختا كومپيۇتېرى قاتارلىق كۆچمە ئىنتېرنېت تور ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەۋاتقان چاغدا چىقىرىدىغان ئېلېكتىرماگنىت سىگناللىرى ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ئۇچىشىغا ئەكس تەسىر پەيدا قىلمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە تورغا چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە يان تېلېفوننىڭ سۆزلىشىش ئىقتىدارى ئېتىۋېتىلگەن ئەھۋالدا باشقا كۆچمە تور ئۈسكۈنىلىرىدىن ھېچقانچە پەرقى بولمايدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى يان تېلېفون ئارقىلىق تورغا چىققان چاغدا ئايروپىلان خادىملىرى يان تېلېفوننىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش سىگنالى تارقىتىدىغان ياكى تارقاتمايدىغانلىقىغا، ئەمەلىي نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىگە كاشىلا قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ.

 

بۇمۇ نۆۋەتتە يان تېلېفونغا قارىتا چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. بىراق ھازىر خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىدە يېڭى تېخنىكىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى، يەنى ئايروپىلانغا كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالى ئورنىتىپ بىۋاسىتە ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى بىلەن ئۇلايدۇ، ئاندىن مۇۋاپىق توسقۇچى ئۈسكۈنە ئارقىلىق يان تېلېفوننىڭ پەقەت ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالى بىلەنلا ئۇلىنىشىغا يول قويۇلۇپ، يان تېلېفون كۈچلۈك رادىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى كەلگۈسىدە ئايروپىلاندا يان تېلېفون ئىشلىتىش تورغا چىقىشقا ئوخشاش ئاددىيلىشىپ كېتىدۇ.

 

 

لەگلەك تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى بىر قىسىم شەرەپسىز تور بەتلەر مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن ئوغىرلىقچە يوتكەۋاتىدۇ ، ئەڭ يېڭى سەرخىل مەزمۇنلارنى لەگلەك تورىنىڭ ئۆزىدىن كۆرۈڭ.



خەتكۈچلەر:
20-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek