رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: رۇسىيە چاۋشيەننى قايرىپ قويۇپ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا خەلقئارالىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوللىمايدۇ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى باشلاش.
لاۋروف شۇ كۈندىكى يىللىق مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە چاۋشيەننىڭ بۇ قېتىمقى سىنىقىنىڭ ۋودورود بومبا سىنىقى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چاۋشيەن، كورىيە، ئامېرىكا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
تېرورىزىمغا زەربە بېرىش ھەققىدە لاۋروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەربىي ۋاستىغا تايىنىش بىلەنلا تېررورىزم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ، ھەربىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن توقۇنۇشنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved