شىنجاڭ تورى خەۋىرى: شىنجاڭ قاناس ئايرودۇرۇمىدا 10-ئىيۇندىن باشلاپ ئاۋىياتسىيە قاتنىشى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى، تىيەنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى مەزكۇر لىنىيەدە قاتناشقا باشلىدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 15-ئىيۇن ئۈرۈمچى-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئەڭ تۆۋەن باھالىق بېلەت تەخمىنەن 800 يۈەن (باج ھەققى ئىچىگە ئېلىنمايدىكەن) بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، قاناس ئايرودۇرۇمى پەسىل خاراكتېرلىك ساياھەت ئايرودۇرۇمى بولۇپ، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 482 كىلومېتىر، ئالتاي ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 96 كىلومېتىر، شىنجاڭدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى قاناس مەنزىرە ساياھەت رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 68 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
قاناس ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق قاناس مەنزىرە ساياھەت رايونىغا بارماقچى بولغان ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان ئارقىلىق ئالتايغا بېرىپ، ئاندىن تاشيول قاتنىشى ئارقىلىق ئۈچ سائەت يول يۈرۈپ كۆزلىگەن جايغا يېتىپ بارىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved