ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 22-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بولغان خاماس ئىسرائىلىيەگە راكىتامىيوت ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ، بىر بالىنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.
ئىسرائىلىيە داۋالاش جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە: شۇ جاينىڭ ۋاقتى 22-ئاۋغۇست كەچتە، غەززا رايونىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر راكىتامىيوت ئىسرائىلىيە تەۋەسىدىكى بىر بالىلار باغچىسىغا يېقىن جايغا چۈشۈپ، بىر تۆت ياشلىق بالىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. زۇڭلى نىتانىياخۇ ئارقىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ خاماسنىڭ بۇ ۋەقە ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved