بېيجىڭ ياشلار گېزىتى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، جۇڭگونىڭ مۇڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ 13 – چىسلا ئىسپاتلىشىچە ئككى نەپەر جۇڭگو پۇقراسى 11 – چىسلا كەچتە مۇڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلاباتۇرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان .
ئەلچىخانا تەرەپنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قارىغاندا ، 11 چىسلا كەچتە ئككى نەپەر ئەر جۇڭگو پۇقراسى ئۆيىگە كىرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى . ھازىر تۆت نەپەر جىنايەت گۇماندارى ھەممىسى قولغا ئېلىنغان . ساقچى تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە بۇ دېلونى بايلىق ئۈچۈن قاتىللىق قىلغان دەپ بىكىتتى . زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى جۇڭگو ئىچكى مۇڭغۇلدىن كەلگەن كۆپ يىللاردىن بىرى مۇڭغۇلىيەدە سودا بىلەن شۇغۇلىنىدىغان كىشى ئىكەن .
13 – چىسلا چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگونىڭ مۇڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدئىكى گوشىن بۇيرۇققا بىنائەن ئككى جۇڭگو پۇقراسى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان نەخ مەيدانغا كەلگەن ھەم زىيانكەشلىك دېلوسى جىددىي ئەھۋاللارنى بىرتەرەپ قىلىش مۇڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى تاشقى ئىشلار كونسىلخانا باشلىقى جىنايى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى . ھەم مۇڭغۇلىيە تەرەپنىڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى .
گوشىن بۇ قېتىم يۈز بەرگەن دېلودىن ناھايىتى چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى . جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆيگە كىرىپ جۇڭگو پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىئەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى . جۇڭگو تەرەپ يەنە مۇڭغۇلىيە تەرەپنى تىزدىن دېلونى پاش قىلىپ ، قانۇن بويىچە قاتىلنى ئېغىر جازالاشنى تەلەپ قىلدى . يەنە بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مۇڭغۇلىيەدىكى جۇڭگو پۇقراسىنىڭ مال مۈلۈكى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ھوقۇقىنى بىلدۈرىغانلىقىنى بىلدۈردى .
مۇڭغۇلىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە ، مۇڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو پۇقراسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىزدىن دېلونى پاش قىلىشنقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ياردەملىشىپ ، ئورتاق ھالدا موڭغۇلىيىدىكى جۇڭگو پۇقراسى بىلەن ئۇلارنىڭ مال مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشلەرنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى .ۋە ياردەمدە بولدى . ھازىر 4 نەپەر جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان . ھەم تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ . بۇ ئىشنىڭ بۇ تۆت كىشىنىڭ 4 قىلمىشى ئىكەنلىكى موقۇملاشقان . خارەكتىرىنى دەسلەپتىكى قەدەمدە مال مۈلۈك ئۈچۈن بۇلاڭچىلىق قىلغان دەپ بىكىتكەن . مۇڭغۇلىيە تەرەپ قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
مۇڭغۇلىيىنىڭ ھازىرقى بىخەتەرلىك ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى جىنايى ئىشلار ۋەقەسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1000 ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن . ھەم سانى تېخىمۇ كۆپلەپ يۇقرى كۆتۈرلۈپ بارغان . ئالدىنقى قېتىم جۇڭگو پۇقراسى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ۋاقىتت 2010 – يىل 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ۋە 14 – كۈنى كۈنى .
جۇڭگونىڭ مۇڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھەر قايسى جۇڭگو پۇقراسىنى تۆۋەندىكى بىخەتەرلىك ئىشلىرىدىن ئاگاھ بولۇشىنى ئەسكەرتتى :
1. ئامانلىقى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئولتۇراق رايونىدا خىزمەت رايونىنى تاللاش ھەم سۈرەتلىك تېلېفون ۋە كۆزىتىش ئۈسكىنسىنى ئورنىتىش .
2. ئىشخانا ۋە تۇرالغۇ ئۆيدە كۆپ مىقداردىكى نەخ پۇل ۋە قىممەت باھالىق بويۇملارنى قويماسلىق .
3. سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەرگە بايلىقى ۋە سودا مەخپىيەتلىكنى بىلدۈرمەسلىك .
4. كىرىپ چىققاندا بىنا پەلەمپىيى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش ، باشقىلار ئەگەشتىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ، ئالدىن ئاچقۇچنى تەييارلاپ تىزدىن ئىشىك ئېچىش .
5. تونۇمايدىغان ئادەملەرگە ئىشىك ئېچىپ بەرمەسلىك ، ئاسانلىقچە مال ئەكەلدۈرۈش ،رېمونت قىلىش مۇلازىمىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىلەرنى كىرگۈزمەسلىك .
دوستلارنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان ۋاقىتتا ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ، بىخەتەر بولغاندىن كېيىن قايىتىش .
نۇرمالسىز ئەھۋالغا يولۇققاندا 102 گە تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلىش . ھەم تىزدىن ئەلچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىش TEL: 320955_11 ؛ 99112578؛95265568
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved