ياشانغاندا سۇس، ئەركىن ئازادە ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەكم بۇ چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرس، تېخىمۇ مۇھىمراقى بىر سەنئەت دەرسى.
پىشىپ يېتىلگەن مويسىپىتنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشىل،ا بەخت سائادەتكە ئىنتىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. سۇسراق، ئەركىن ئازادىراق ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىشى، دېمەكچىمەنكى، ياشاش ئۇسۇلى ۋە ياشاش ئادىتىنىمۇ ئۆگىنىۋېلىشى، تاشقى دۇنيادىكى پاراكەندىچىلىكلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، روھىي ھالىتىنى باشتىن ئاخىر بىرخىل قىلىپ، خۇشال كەيپىياتتا تىنىچ تۇتۇشى كېرەك.
ئاتاق-ئابرۇيغا قىزىقماسلىق، مەنسەپ مەنپەئەت قوغلاشماسلىققا قارىغاندا، ئەركىن ئازادىلىق خەتلەرنى سۇدەك راۋان يازغاندەك ئەركىن ھالەتكە تېخىمۇ بەكرەك ئوخشايدۇ.ئەركىن ئازادە ياشاش ھېچنېمە بىلەن چەكلەنمەسلىكتەك راھەت-پاراغەت ۋە خاتىرجەملىكنى نامايەندە قىلسا، ئاتاق-ئابرۇيغا قىزىقماسلىقش مەنسەپ-مەنپەئەت قوغلاشماسلىقتىن ئىبارەت كىشىلىك ھايات ئامالسىزلىقتىن مۇشۇنداق چۆلدەرەپ قالغان بولىدۇ. ئاتاق-ئابرۇيغا قىزىقماسلىق، مەنسەپ مەنپەئەت قوغلاشماسلىق ئەمەلدارلار سورۇندىن قۇرۇق قېلىپ، ياكى ئايرىلىپ قېلىپ، رايى قايتىپ قالغانلارغا ماس كېلىدۇ. ئەركىن ئازادە ياشاش بولسا ئۆزىنى ئاسراشنى، تۇتۇشنى بىلىدىغان ياشانغانلارغا تازا باب كېلىدۇ.
بىراق ئۆزىنى ئەركىن، بىمالال تۇتۇپ ئەركىن ئازادە ياشاش ياشانغانلارغا ئۇنچىلا ئاسان ئەمەس. نۇرغۇن ياشانغانلار تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشنى بىلمەيدۇ. بەزىسى پەرزەنتىنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسا، يەنە بەزىسى پەرزەنتىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا شاپاشلايدۇ.
يەنە بەزىسى تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالغان ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ كېچىلەپ كىرپىك قاقماي چىقسا، يەنە بەزىسى ئۆزى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىشلاردىن مەيۈسلىنىپ، ئاۋارە بولۇپ كېتىدۇ، بېلىق تۇتالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەلسىمۇ باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، شاھماتتا بىرەر قول ئۇتتۇرۇپ قويسىمۇ پۇشايمان قىلىپ تۈگىشىپلا كېتىدۇ....ئىشقىلىپ ئۆزىنى ئەركىن، بىمالال تۇتۇشنى بىلمەيدۇ، ئۆزىنى ئازادە قۇيۇۋېتەلمەيدۇ.
ياشانغانلارنىڭ ئۆزىنى بىمالال تۇتۇپ، ئەركىن ئازادە ياشىشى ئالغا باسقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنى بىمالال تۇتۇپ، ئەركىن ئازادە ياشاشنىڭ ئۆزىلا بىرخىل تەربىيىلىنىش، بىرخىل ياشاش ئۇسۇلى بولۇپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، بىر بىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئىشنىڭ بىر تەرىپى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا، يەنە بىر تەرىپىدىكى ئۇتۇقنى ئويلاش كېرەك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىمالال بولسىڭىز، سىزنى بىئارام خاپا قىلغان نۇرغۇن ئىشلار ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياشانغان چاغدىكى تۇرمۇشىڭىز، كۈنلىرىڭىز مەنىلىك ئۆتۈپلا قالماي، روھىڭىزمۇ كۆتۈرۈلۈپ، كەيپىياتىڭىز جانلىنىپ قالىدۇ. جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقىڭىزغا كۆپ پايدىسى بار.
شۇنداق، بىمالال،ئەركىن ئازادە ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved