جاھان ئاگېنتلىقى 25-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ، تور جىنايەتچىلىرى تىزىملىكىنىڭ باش تەرىپىدە ئورۇن ئالغان رۇسىيەلىك كومپىيۇتېر خاككىرى Evgeniy Bogaçev نى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 3 مىليون دوللار مۇكاپات چىقاردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تور دۇنياسىدا \lucky12345\ ۋە \Slavik\ دەپ تۇنۇلغان خاككىر بوگاچېۋنىڭ 1 مىليۇندىن كۆپ كومپىيۇتېرغا رۇخسەتسىز شەكىلدە زىيانلىق ھۆججەتلەر قاچىلىغانلىقى، بۇنڭ ئۈچۈن (FBI) نىڭ يېقىندا رۇسىيەدە پەيدا بولغان كومپىيۇتېر خاككىرلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
(FBI) ئامېرىكىدا ئۆتكەن يىلى 100 مىليۇن دوللاردىن كۆپ پۇل ئوغرىلانغان زور تور ھۇجۇم ھەرىكىتى ئارقىسىدا رۇسىيەلىك خاككىر بوگاچېۋ بار بولۇپ، (FBI) بوگاۋىچنى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 3 مىليۇن دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيەلىك كومپىيۇتېر خاككىرىنىڭ بانكا ھىساباتلىرىدىن پۇل ئوغرىلاش ئۈچۈن تور ئىشلەتكۈچىلەرنى ئالداپ كومپىيۇتېرلىرىغا ھۆججەتلەر قاچىلىغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق بىر قانچە كىشىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم بولدى. بوگاچېۋ ئۆزى قۇرغان \GameOver Seus\ ناملىق تور ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا مىڭلىغان كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى يوق، بۇ سەۋەبتىن بوگاچېۋنىڭ قولغا ئېلىنىپ ئامېرىكىغا بېرىشى تەسكە توختايدۇ، شۇنداق بولسىمۇ FBI تور ھۇجۇمى جىنايەتچىلەر گۇرۇپىسىنىڭ باشلىقى Joseph Demarest ، رۇسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
![]() |
Spendwalle تەتقىقات قوشۇنى يېقىندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق ھەميانغا ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان MFE ماگنىت مەيدانى تېخنىكىسىنى ئېلان قىلدى.
Spendwallet نىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئەنئەنىۋىي NFC تېخن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved