ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 18-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا يەمەندىن ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپكە قاراپ ئۇچتى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يەمەندىكى قوراللىق توقۇنۇش يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بىر تەرەپ شىئە مەزھىپىنىڭ «ئەنسەر ئاللاھ» (Ansar Allah) ھەرىكىتىنىڭ ھۈسەيىن قوراللىقلىرى ۋە سابىق زۇڭتۇڭ سالىھقا سادىق بولغان ھەربىي قىسىم، يەنە بىر تەرەپ بولسا سەرگەردان زۇڭتۇڭ ئابدۇللا مەنسۇر ھادى (Abdullah Mansour Hadi) نىڭ ئارمىيەسى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئىزچىل توقۇنۇشىۋاتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشمە ئارمىيە بۇ يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ھۈسەيىن قوراللىق ئۇنسۇرلىرى كونتىرول قىلىۋالغان رايونلارغا قارىتا بومباردىمان قىلىش ھەركىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە، سەرگەردان زۇڭتۇڭ ئابدۇللا مەنسۇر ھادىنى قوللايدىغان يەر يۈزى ھەربىي قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 10 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved