لىۋىيە ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشقا دۇچ كەلدىمۇ؟

19-ماي لىۋىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نۇرى ئەبۇ ساھمىن بۇيرۇق ئىمزالاپ، خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچى «لىۋىيە قالقىنى ئوتتۇرا قسىم رايونى بىرگادىسى»دىن تىرىپولىغا كىرىپ پايتەختنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى، بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن لىۋىيەلىك ھەربىلىكتىن چېكىنگەن گېنىرال خەلفە. خافتارنىڭ كونتوروللۇقىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى لىۋىيە خەلق پارلامېنت بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە بۇ يەرنى قوغداۋاتقان قىسىم بىلەن كەسكىن توقۇنۇشتى، 23-ماي خافتارنىڭ قوللىغۇچىلىرى تىرىپولى، بەنغازى قاتارلىق شەھەرلەردە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خافتارگە ياردەم بەردى لىۋىيە ۋەزىيىتىدە يەنە بىر قېتىم داۋالغۇش بولدى.


ئەمەلىيەتتە 2011-يىلى كازافېينىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن يۇقۇرى بېسىملىق ھۆكۈمىرانلىقتىن كېلىپ چىققان لىۋىيەنىڭ مۇقىم بىرلىككە كېلىش ئالامەتلىرى يوققا چىقتى. ئۇرۇشتىن كېيىن لىۋىيەدە جەمئىيەت كۈچلۈك بولۇش، دۆلەت ئاجىز بولۇش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلدى، ھوقۇق پارچىلاندى، دۆلەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىزلىدى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ئىشلىرى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى، ھاكىمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى قايتا يۈكسەلدۈرۈش قىيىن بولغاندىن باشقا يەنە لىۋىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۈنسېرى يامانلىشىپ، قەبىلىلەر توقۇنۇشى ئۈزۈلمىدى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بەردى، كونكېرىت قىلىپ ئېيتقاندا لىۋىيەدە قالايمىقان ۋەزىيەت پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:


بىرىنچى، قورالنىڭ تارقىلىپ كېتىشى، قوراللىق بۆلۈنۈش.لىۋىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كازافېي ئاممىنى ئۆكتىچى گۇرۇھقا ۋە سىرتنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن قورال ئامبارلىرىنى ئېىچپ، قوراللارنى ئاممىغا تارقىتىپ بەرگەن ئىدى، بۇ لىۋىيەدە ئۇرۇشتىن كېيىن قوراللارنىڭ قالايمىقان تارقىلىپ كېتىشى، ھەممە كىشىنىڭ قورالغا ئىگە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسلى كازافېي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قاتناشقان خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆزلىرى ئەسكەر توپلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش ئاغرىقىغا ئايلاندى.


ئىككىنچى، مۇنتىزىم قوشۇننىڭ كۈچى ئاجىز بولۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالماي قالدى.كازافېي ھۆكۈمىرانلىق قىلغان مەزگىلدە مۇنتىزىم قوشۇنغا ئىشەنمىگەنلىكتىن خەلق ئەسكەرلىرى ۋە چەتئەل ياللانما ئەسكەرلىرىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى، لىۋىيەنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرىنىڭ كۈچى ئاجىز ئىدى، ئۇرۇشتىن كېيىن ئەسلىدىنلا كۈچلۈك بولمىغان دۆلەت ئارمىيەسى يەنىمۇ پارچىلاندى، گۇرۇھ كۆپ بولغان خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇشلىرى ئۈزۈلمىدى، ئاجىز ۋاقتلىق ھۆكۈمەت ئۇرۇشتىن كېيىن تەستە بىر ئىزىغا سالغان قوراللىق قىسىم ئارقىلىق دۆلەتنى قوغداشقا مەجبۇر بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە خادىملار بەك قالايمىقان بولغاچقا بىر يەرگە كېلەلمىدى، قوراللىق قىسىمنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولدى، قورال جابدۇقلار ۋە ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ھەرقايسى قەبىلە قوراللىق كۈچلىرىگە يەتمىدى، باشقۇرۇش كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى چەكلىك بولدى، ھەتتا ناھايىتى نۇرغۇن بۇيرۇقلار تىرىپولى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.
ئۈچىنچى، ئەسەبىي كۈچلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سوقۇنۇپ كىرىۋالدى ھەتتا كۆپەيدى. ئۇرۇشتىن كېيىن لىۋىيەدە دۆلەت ئىچىنىڭ ئەڭ يارقىن بىر ئالاھىدىلىكى شۇ بولدىكى ئەسەبىچىلىك قايتا باش كۆتۈردى، سىرتقى ئەسەبىي كۈچلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سوقۇنۇپ كىردى، لىۋىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بەزى قەبىلە، مەزھەپ ياكى قوراللىق كۈچلەر ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ لىۋىيەدە بارغانسېرى زورىيىشىغا سەۋەب بولدى.


تۆتىنچى، لىۋىيەدە دىنىي مەزھەپلەر زىددىيىتى مۇرەككەپ، قەبىلە ئېڭى چوڭقۇر، دۆلەت تەۋەلىك تۇيغۇسى ئاجىز ، خۇددى كېيىنكى مۇبارەك دەۋرىدىكى مىسىردەك كېيىكى كازافېي دەۋرىدىكى لىۋىيەدە بىر ئادەم بىر ئاۋاز بېرىدىغان دېموكراتىك سايلام ئىسلام كۈچلىرىنى ھاكىمىيەت ئورنىغا چىقاردى، ئەمما ئۇلار قانۇنلۇقلۇققا ئىگە بولسىمۇ تولۇق نوپۇزغا ئىگە بولمىغان ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ۋە دۆلەت ئارمىيەسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈشى، جەمئىيەت تەرتىبىنى قوغدىشى قىيىن بولدى، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئورنى ئەمەلىيەتتە مۇستەھكەم بولمىدى.


ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى كازافېي ئاغدۇرلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي غەرپتىكى چوڭ دۆلەتلەر لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نېفىت، گاز ئېچىش، ئۇل مۇئەسسەسەنى قايتا قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى ئىمزالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا لۋىيە ھەربىلىرىنى تەربىيەلەپ ئۇلارغا قورال جابدۇق بېرىپ، لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئىشى ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، شۇنداقتىمۇ لىۋىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنە يامانلاشتى، غەرب كۈچلىرى ئارقا ئارقىدىن چېكىنىپ چىقىپ بولدى، لىۋىيە ئازاپ ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى.


ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇرۇشتىن كېيىنكى لىۋىيەنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئەگرى توقايلىق ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشقا دۇچ كېلىشتەك رەھىمسىز رىياللىق غەربنىڭ دېموكراتىيەسىنىڭ ھەممىگە شىپا دورا ئەمەسلىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئۆز تەرەققيات يولىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى سەمىمىزگە سالدى، لىۋىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇپ، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ سىياسىي يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
27-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek