جۇڭگودىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 12 تۈرلۈك سىر

256 يىل ياشىغان ئادەم. لى چىڭيۈن (1677-1933)، ئېلىمىزدىكى يازمىلاردا خاتىرىلەنگەن ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم، 256 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىنگونىڭ باشلىرىدىكى جۇڭيى دورىسى ئالىمى، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق ئۇزۇن ئۆمۈر چولپىنى. ئۇ چىڭ سۇلالىسى كاڭشىنىڭ 16-يىلى (1677-يىلى) تۇغۇلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كاڭشى، يۇڭجېڭ، چيەنلۇڭ، جياچىڭ، داۋگۇاڭ، شيەنفېڭ، تۇڭجى، گۇاڭشۈ، شۈەنتۇڭدىن ئىبارەت توققۇز ئەۋلاد پادىشاھ ۋە مىنگو دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئۇزۇن ئۆمۈر چولپىنى. ئۇ 100 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا جۇڭيى تېبابىتى جۇڭيى دورىلىرى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 200 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، ئالىي مەكتەپتە دەرس ئۆتكەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ كۆپلىگەن غەرب ئالىملىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. لى چىڭيۈن ئۆمرىدە 24 خوتۇن ئالغان، پەرزەنلىرىنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى بىلەن دەۋر ژۇرنىلى «ئۇ نېمە ئۈچۈن 256 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرىدۇ؟» دەپ خەۋەر بەرگەن، ئەمما بۇ بۈگۈنگە قەدەر بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە.

چەن مەزھىپىنىڭ ئالتىنچى ئۇستازى خۇينېڭ ئۇستازنىڭ تېنى مىڭ يىل ئۆتسىمۇ چىرىپ كەتمىگەن. تاڭ سۇلالىسىدىكى خۇينىڭ ئۇستاز ئېلىمىز تارىخىدىكى تۇنجى تىرىك بۇتساتۋا (گۆشتىن پۈتۈلگەن)، بۈگۈنگە قەدەر 1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى، ھازىرمۇ كىشىلەر گۇاڭدۇڭ شاۋگۈندىكى نەنخۇا ئىبادەتخانىسىدا ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. 

ئاياللار دۆلىتىنىڭ يوقاپ كېتىش سىرى. «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدكى «ئاياللار دۆلىتى» ئىلگىرى كىشىلەرگگ ساناقسىز خىياللارنى قالدۇرغان. «ئاياللار دۆلىتى» تارىختا ھەقىقەتەن مەۋجۇت. «كونا تاڭنامە»دە: «شەرقىي ئاياللار دۆلىتى، يەنە بىر نامى غەربىي چاڭ، غەربىي دېڭىزدا يەنە بىر ئاياللار دۆلىتى بار، ئادەتتە شەرقىي يەن ئاياللىرى دەپ ئاتىلىدۇ، پادىشاھى ئايال بولىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەمما تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن تارىخىي كىتابلاردىكى شەرقىي ئاياللار دۆلىتىگە ئائىت خاتىرىلەر ئۈزۈلۈپ قالغان، ئەجىبا شەرقىي ئاياللار دۆلىتىنىڭ پەيدا بولۇشى پەقەت قىسقا ۋاقىتلىقمۇ؟ زابېيلار (زاڭزۇلارنىڭ بىر قەبىلىسى) بەلكىم شەرقىي ئاياللار دۆلىتىنىڭ قالدۇق قەبىلىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ھازىرمۇ ئىختىيارىي نىكاھلىنىدۇ، كەچتە قىز تەرەپ دېرىزىنىڭ ئالدىغا بىر چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئوغۇل تەرەپنى ساقلايدۇ. ئۇلار قاراۋۇل مۇنارىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 نەچچە مېتىر كېلىدۇ، يىگىت چوقۇم بارماقلىرىنى تاشلارنىڭ ئارىسىغا سانجىپ تۇرۇپ، قاراۋۇل مۇنارىغا يامىشىشى كېرەك. بۇ بەدەن سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىنى، جانلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل ياخشىسىنى تاللاپ، ناچىرىنى شاللايدىغان چارە. ئىككىنچى كۈنى خوراز چىللىغان ۋاقىتتا، يىگىت ئۇ جايدىن ئايرىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. 

غەربىي جۇ سۇلالىسىدىكى «توققۇز داڭقان»نىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بۈگۈنگە قەدەر بىر سىر. توققۇز داڭقان، جېن بەگلىكىنىڭ سىرلىق قورالى، قەدىمكى بىباھا گۆھەر! رىۋايەت قىلىنىشىچە، يازدا ئېچىپ قويۇلسا ئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئاجايىپ قۇشلار، غەيرىي نەرسىلەرنى توپلىيالايدىكەن، رەسىم سىزالايدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ياغاچچىلارغا توققۇز داڭقاننى تەقلىد قىلىپ ياساش بۇيرۇلغان بولۇپ، ھەر بىر داڭقان بىر ئايماققا، توققۇز داڭقان توققۇز ئايماققا سىمۋۇل قىلىنىپ، مەملىكەتنىڭ بىرلىكى ۋە پادىشاھ ھوقۇقىنىڭ مەركەزلىشىشىنى ئىپادىلىگەن. شيا، شاڭ، جۇ، جېن بەگلىكلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرىگە ئايلانغان. ئىككى مىڭ يىلغىچە تارقىلىپ يۈرگەن. توققۇز داڭقان ھازىرمۇ مەۋجۇتمۇ، دېگەن مەسىلە ھازىرغا قەدەر بىر سىر ! «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى يازمىلاغا ئاساسلانغاندا، چىن مۇگۇڭ توققۇز داڭقاننى چىن بەگلىكىنىڭ پايتەختىگە بۇلاپ ئېلىپ كەتكەن. ئەمما «خەننامە»دە «توققۇز داڭقان پېڭچېڭدىكى سى دەرياسىغا چۆكۈپ كېتىپ، تېپىلمىغان» دېيىلگەن. ئەگەر سىماچيەننىڭ دېگىنى ھەقىقەت بولسا، ئۇ ھالدا توققۇز داڭقان چىن شىخۇاڭنىڭ قولىغا چۈشكەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇمۇ «شىخۇاڭ شەرقىي ئېقىندىن جۇ داڭقىنىنى تېپىۋالغان» دېگەن! چىن شىخۇاڭ توققۇز داڭقاننى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، بۇ ھەممە بىلىدىغان ئىش، توققۇز داڭقان بەلكىم چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسىگە ھەمدەپنە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، مانا بۇ نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ئارخولوگلارنىڭ چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن قېزىشىنىڭ سەۋەبى. 

تەيپىڭ تيەنگونىڭ بايلىقلىرى قەيەردە؟ تەيپىڭ تيەنگونىڭ مەغلۇبىيىتى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، تەيپىڭ تيەنگونىڭ غايەت زور ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىنىڭ غايىب بولۇشى كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. تيەنجىن قولدىن كېتىپ پۈتۈن قوشۇن مەغلۇب بولدى، زور تۈركۈمدىكى ئۈنچە-مەرۋايىت ئادەملەر ئارىسىدىن غايىب بولدى. جۇڭگو ۋە چەتئەلدە بايلىقلارنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن، ئۈنچە-مەرۋايىتلارنىڭ سانى يوق، تۈرلۈك ماللارنىڭ سانى تولۇق، تېخىمۇ كۆپ بايلىقلار يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتماقتا دېگەن قاراش تارقالغان. لى شيۇچېڭ تۇتۇلغاندىن كېيىن زېڭ گوفەن لى شيۇچېڭنى كۆپ قېتىم قورقۇتۇپ ۋە ئالداپ، بايلىقلارنىڭ ئورنىنى سورىغان، بۇ جۇڭۋاڭنىڭ كېيىنرەك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى. ھەيۋە جۇڭۋاڭنى قورقۇتالمىغان، ئۇ ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ساداقەتمەن بولۇپ، باشتىن ئاخىر بايلىقلارنىڭ دېرىكىنى ئاشكارىلىمىغان. بەزىلەر ھەتتا ساماۋى شاھ ئوردىسىنىڭ ئارقا باغچىسىدىكى كۆل سۈيىنى قويۇپ بېرىپ، كۆلنى خېلى چوڭقۇر كولىغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن. نۇ بايلىقلارنى ئىزدەش ھەرىكىتى تېخىچە توختاپ قالغىنى يوق، ئۇنداقتا نەتىجىسى زادى قانداق بولار؟

خانىش سىشى نۇرلۇق مەرۋايىتىنىڭ سىرى. نۇرلۇق مەرۋايىت بىر خىل فىتورىد مېنىرال ماددىسى، ئۇنىڭ نۇر چېچىشى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىرەك يەر ئېلېمېنتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنى مېنىرال ماددىلاردىكى ئېلېكترونلارنىڭ يۆتكىلىشى پەيدا قىلغان. فىتورىدلاردىن ئويۇپ ياسالغان مەرۋايىتلار نۇرلۇق مەرۋايىت دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرلۇق مەرۋايىت ھەققىدە كۆپلىگەن سىرلار مەۋجۇد بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۈگۈنگە قەدەر بۇ سىرلارنى يېشەلمىدى. بۈگۈنگە قەدەر بۇ تولۇق يېشىلمىگەن بىر قەدىمىي سىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان نۇرلۇق مەرۋايىت بەلكىم خانىش سىشى تىلغا ئالغان «گۈزەل ئاياغ»دىكى مەرۋايىت بولسا كېرەك. سىشىنىڭ قەبرىسىنى ئوغرىلىغان ئادەم، يەنى سۈن دىيەنيىڭنىڭ ئېيتىشىچە: بۇ مەرۋايىت ئىككى پارچە بولۇپ، جۈپلەشتۈرگەندە بىر يۇمىلاق مەرۋايىت شەكىللىنىدىكەن، ئايرىۋەتكەندە سۈزۈك نۇرسىز بولىدىكەن، جۈپلىگەندە بىر خىل يېشىل سوغۇق نۇر چىقىرىدىكەن، كېچىدە يۈز قەدەم يىراقلىقتا كىشىنىڭ چېچىنىمۇ يورۇتالايدىكەن. تارىخىي يازمىلاردا ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى تۆت سەر ئىككى مىسقال يەتتە تىيىن (ھازىرقى بويىچە 133.4375 گىرام) كېلىدىكەن. خانىش سىشىنىڭ سۆزى بويىچە جەسەتنىڭ چىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇ ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان.

چىڭگىزخان قەبرىسى ئەپسۇنىنىڭ ئاشكارىلىنىشى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، 800 يىلدىن بېرى بىر ئەپسۇن ئىزچىل تۈردە چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىنى باشقىلارنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن قوغداپ كەلگەن. 2002-يىلى چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىنى تاپقان ئامېرىكا ئارخېيولوگىيە ئەترىتى قەبرىنى كولاشتىن ۋاز كېچىپ تاشقى موڭغۇلدىن چېكىنىپ چىققان، دېيىلدى. ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى قەبرىنى 2 مىل ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تامنىڭ قوغداپ تۇرغانلىقىنى، تامدىن تۇيۇقسىز نۇرغۇنلىغان زەھەرلىك يىلانلارنىڭ ئېتىلىپ چىققانلىقىنى بايقىغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، چىڭگىزخان 1227-يىلى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قەبرىسىنىڭ قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلىشىگە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە يارلىق چۈشۈرگەن.

بىرونزا خەنجەرنىڭ مىڭ يىلدىمۇ داتلاشماسلىقىنىڭ سىرى. چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى «دۇنيادىكى سەككىزىنچى چوڭ مۆجىزە» بولۇش سۈپىتى بىلەن 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئارخېيولوگىيەلىك بايقاشلارنىڭ بىرى ھېسابىنىدۇ ! لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللەر بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم بىرونزا خەنجەر قېزىۋېلىنغان بولۇپ، خەنجەر يۈزى پارقىراق ۋە سىلىق، يەر ئاستىدا ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇرغان، خۇددى يېڭى سوقۇلغاندەكلا ناھايىتى ئۆتكۈر. ئارخېيولوگلار يېغىلىق دەۋرىدىكى قەبرىنى قېزىۋاتقاندا بىر ئەگمە خەنجەرنى بايقىغان. بۇ ئىككى چوڭ ئارخېيولوگىيەلىك بايقاش دەرھاللا پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان، تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەنجەرنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت خىروم تۇزى بىرىكمە ماددىسى بارلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبلىك خەنجەر داتلاشمىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ بايقاش پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى، چۈنكى بۇ خىل خىروم تۈزلىرىنى ئوكسىدلاپ بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى يېقىنقى دەۋردىكى ئىلغار ھۈنەر-سەنئەت بولۇپ، گېرمانىيە 1937-يىلى، ئامېرىكا 1950-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كەشىپ قىلغان ھەمدە پاتنېت ئىلتىماس قىلغان. ھەممە بىلىدۇ، خىروم بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، ئېرىش نۇقتىسى 4000 سىلىسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، ئايرىۋېلىش بەك تەس. ھازىرقى دەۋردىكى ئىلمىي بايقاش مىلادىيدىن بۇرۇنقى ئىككى يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن. چىن شىخۇاڭنىڭ قولىدىكى خەنجەرنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىمىنىڭ جەۋھىرى ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلىغان؟ قاتمۇقات سىرلار، قايسىسى توغرا، قايسىسى خاتا بۇنىسى يېشىلمەيدىغان بىر سىر.

چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىنىنىڭ ئىككى قېتىملىق سىرلىق ئۈزۈلۈپ قېلىشى. تارىختا ئۇنىڭ ئېقىنىنىڭ ئىككى قېتىم تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. مىلادىيە 1342-يىلى، جياڭسۇ ئۆلكىسى تەيشىڭ ناھىيەسىدە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قېلىپ باقمىغان دەريا سۈيى قۇرۇپ، دەريانىڭ ئاستى كۆرۈنۈپ قالغان. ئىككىنچى كۈنى دەريا بويىدىكى ئاھالىلەر دەريا دېلتىسىغا چۈشۈپ تەۋەرۈك نەرسىلەرنى تېرىۋالغان. بۇ ۋاقىتتا دەريا ئېقىمى شىددەت بىلەن بېسىپ كېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن. 1954-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە بۇ ھادىسە يەنە بىر قېتىم كۆرۈلگەن. 

ئەنخۇي خۇاشەندىكى سىرلىك ئۆڭكۈر. ئەنخۇي خۇاشەن باغرىدىكى تۈنشى شەھىرى ئەتراپىدا بىر كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان، ئېگىزلىكى بىر-ئىككى يۈز مېتىر ئاران كېلىدىغان كىچىك تاغ باغرىدا غايەت زور بىر سىر ــ خۇاشەن سىرلىق ئۆڭكۈرى بار. بۇ تاش ئۆڭكۈر كىشىلەرگە بىرقاتار «سىر»لارنى قالدۇرغان. بۇ ئۆڭكۈرلەر قانداق ياسالغان؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئۆڭكۈرلەر ياسىلىدۇ؟ كولاپ چىقىلغان نەچچە مىليون دانە چاسا تاشلار قەيەرگە كەتتى؟ ئەينى يىللىرى قانداق قېزىلغان ۋە توشۇلغان؟

قەدىمىي قەبرىدىكى «چىراغ»نىڭ ئۆچمەسلىك سىرى. قەدىمىي قەبرىدىكى چىراغ ئەڭ بۇرۇن ئەپسانە-رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۆچمەس ئوت ئەرش ئوردىسىنىڭ ئوتى بولۇپ، ئۇنى پىرومېتۇس ئوغرىلىقچە ئىنسانلار ئارىسىغا ئېلىپ كەلگەنىكەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كېپەن ئوغرىلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن قەبرىلەرنى قېزىپ، ئۈنچە-مەرۋايىت ئوغرىلايدۇ. قەدىمىي قەبرىلەر دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، گۆھەرلەر مىڭ يىلدىمۇ مۇكەممەل ساقلىنىدۇ. قائىدە بويىچە قەبرىلەر يىل بويى كۈن كۆرمەيدىغان بولغاچقا، قاپقاراڭغۇ بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما بىر قىسىم قەبرىلەردە «چىراغ» بايقالدى، بۇ چىراغلار ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ. بۇنداق سىرلىق 

چىراغلار نېمە ئۈچۈن مىڭ يىلدىمۇ ئۆچۈپ قالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوكسىگېن بولمىسىمۇ يانىدۇ؟ ئېنېرگىيە قەيەردىن كېلىدۇ؟ ئەگەر كىرسىن چىراغ بولسا، مىڭ يىلدىمۇ ئۆچۈپ قالمىسا، ئۇنداقتا يېقىلغۇ نەدىن كېلىدۇ؟ ئېنىقكى بۇ ئادەملەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس؛ ئەگەر ئېلېكتىر چىراغ بولسا، چىراغدىكى سۇيۇقلۇق بەلكىم توك ئۆتكۈزىدىغان سىماب ئورنىدا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسى قانداق شەكىللىنىدۇ؟

جۇڭگو قەبرىلىرىدىكى ۋاقىت ساياھىتىنىڭ ئىسپاتى. 2008-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو ئارخېيولوگلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شاڭسى ناھىيەسىدە بىر 400 يىللىق تارىخقا ئىگە، مۇكەممەل ساقلانغان قەبرىدىكى تاۋۇتنى يۆتكىگەن ۋاقىتتا، تاۋۇت ئەتراپىدىكى توپىدىن كىچىك بىر پارچە سائەتكە ئوخشايدىغان مېتالنى بايقىغان بولۇپ، ۋاقىت 10:06 گە توغرىلانغان، ئارقىسىغا «swiss» دېگەن خەت ئويۇلغان. ئەگەر قەبرە 400 نەچچە يىلدىن بېرى ئادەملەر تەرىپىدىن بايقالمىغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ھازىرقى زامان ئادەملىرى ياسىغان بۇيۇمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek