خەلق تورىنىڭ 23-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
فرانسىيە ئاگېنتلىقى، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىىشچە، ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام رىقابەتچىسى تىرۇمپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغان، تىرۇمپنىڭ ئۆزىمۇ تەھدىتكە ئۇچرىغان. مېدىيالارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئوغلى تەھدىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاچىسىمۇ تەھدىتكە ئۇچرىغان. تەھدىت خېتىدە تىرۇمپنىڭ سايلامدىن چېكىنىشى تەلەپ قىلىنغان، خەتتە يەنە ئاق رەڭلىك پاراشۇك بار بولۇپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن.
تىرۇمپ نۆۋەتتە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدە قوللاشقا ئېرىشىپ بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر تىرۇمپقا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. تىرۇمپمۇ تەھدىت سالغان بولۇپ ، ئەگەر ئۇ سايلام رىقابىتىدە رەت قىلىنسا، ئامېرىكىدا قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام رىقابەتچىسى تىرۇمپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاپشۇرۇۋالغان تەھدىت خېتىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
نيۇيورك ساقچى ئەمەلدارىنىڭ 19-مارت ئېيتىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار يەنە تىرۇمپ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى تاپشۇرۇۋالغان تەھدىت خېتىنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تاپشۇرۇۋالغان تەھدىت خېتىدە يەنە دانچە ھالەتتىكى ماددا قاچىلانغان، نۆۋەتتە بۇ ماددا ئاق رەڭلىك زەھەرسىز پاراشۇك، دەپ بېكىتىلدى.
مۇلاھىزىلەردە دېيىلىشىچە، تىرۇمپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەھدىت سالغان بۇ ئىش تىرۇمپنى سايلام رىقابىتىدە تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved