جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يەمەندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر كېڭىشى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭەشنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىغا ياردىمى بولۇپ، قوراللىق تەشكىلاتنىڭ شەھەردىن چېكىنىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى يەمەندە ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش توختىتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى، دىيارىك يەنە مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون دەسلەپكى سۆھبەتكە قاتنىشىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچ ئورنىتىلىشىنى، بۇنىڭ بىلەن زوراۋانلىقنىڭ ئازىيىپ، يەمەندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved