ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 27- نويابىر «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش تەرەققىياتى ئاق تاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭغا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىكى قاتناش تەرەققىيات لايىھەسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىرتقى، ئاممىۋى، موتورسىز قاتنىشى قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى نىشانلار ۋە ئۇنى يولغا قويۇش ئەھۋالى بايان قىلىنغان. شەھىرىمىز كەلگۈسى ئون يىلدا موتورسىز قاتناش سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاساسىي يول ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر، قولاي، راھەت يول مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. ۋېلىسىپىت يولى تورى قۇرۇلۇشىغا ئائىت مەزمۇننى مىسالغا ئالساق، رېلىسلىق قاتناش بېكىتى، تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش بېكىتى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ئەتراپىغا ۋېلىسىپىت توختىتىلىدىغان جاي تەسىس قىلىنىدۇ، تەدرىجىي ئەتراپتىكى يوللارغا ۋېلىسىپىت يولى ياسىلىدۇ ياكى ۋېلىسىپىت يولى كېڭەيتىلىدۇ. شەھەرنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە ئەتراپىدىكى يەر شەكلى نىسبەتەن تەكشى جايلاردا ۋېلىسىپىت ئىجارىگە بېرىش سىستېمىسى سىناق قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن ياردەم بېرىش، سىياسەت جەھەتتە قوللاش ئارقىلىق ئاممىۋى ۋېلىسىپىت قاتنىشىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىدۇ. ھەرقايسى رايون (ناھىيە) لار باغچە، ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە يېشىللىق بىلەن قاپلانغان يول قاتارلىق جايلاردا كىشىلەرنىڭ چېنىقىش ۋە ئىستىراھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ۋېلىسىپىت يولى ياساشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.
![]() |
«بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر» تورى 12-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: يېقىندا بىر كىشى كونتېنتال (Continental)GTئاپتوموبىلىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved