ياپونىيە كارخانىلىرى جۇڭگودىكى ئېلېكترونلۇق سودا بازىرىنى كېڭەيتتى

يەر شارى تورى 22-مارت خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن رومانگۈل تەرجىمىسى)

 ياپونىيە ئىقتىساد خەۋىرلىرى تورىنىڭ 22-مارتتىكى خەۋرىگە قارىغاندا، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ «زور ئېھتىياجى» نى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئېلېكترونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياپونىيە كارخانىلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن. ئۇلار توردا دۇكان ئېچىپلا قالماي، يەنە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت، سىناپ بېقىش دۇكىنى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرگەن. ياپونىيەدىكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن قانغاندىن كېيىن، ياپونىيە كارخانىلىرى تور ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ «ئېھتىياجى» دىن چىقىش يولىنى تۇتۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، يېمەكلىك، نازۇك مېخانىزم قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىنى كېڭەيتكەن.

 2015 – يىلى ياپونىيەنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى ئېلېكترونلۇق سودا سوممىسى 800 مىليارد (تەخمىنەن 46 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە باراۋەر) بولۇپ، ئامېرىكا بازىرىدىكى سودا سوممىسىدىن %40 يۇقىرى بولغان. 2014 – يىلىدىن بۇيان سودا سوممىسى تەخمىنەن %30 ئاشقان بولۇپ، 2018 – يىلىغا بارغاندا بىر تىرلىيون 400 مىلياردقا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئۆز نامىدا ياپونىيەدىن مال كىرگۈزۈپ توردا ساتقان، ئەمما ياخشى ۋە ناچار ماللار ئارىلىشىپ كەتكەن، ھەم باھاسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولغان. ياپونىيە كارخانىلىرى بىۋاستە توردا دۇكان ئېچىش ئارقىلىق، جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنمۇ ياپونىيە مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىش ھەم دوستلىرىغا تەۋسىيە قىلىش ئېھتىياجىدىن ياخشى پايدىلانغان.

 خەۋەردە دېيىلىشىچە، شاڭخەيدىكى 30 ياشلىق بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ماتسۇموتو كىيوشىنىڭ تيەنماۋدىكى بايراقدار دۇكىنىدىن دائىم مال سېتىۋالىدىكەن. يېقىندا ئۇ 300 نەچچە يۈەنلىك ئورۇقلىتىش بۇيۇمى سېتىۋالغان بولۇپ، گەرچە ياپونىيەدىن ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن 10 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كەتسىمۇ، ئۇ يەنىلا رازى بولغان ھالدا:«بۇ جۇڭگودىكى باشقا تور بەتلەرنىڭكىدىن ئەرزان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈپىتى ئىشەنچلىك» دېگەن.

 ماتسۇموتو كىيوشىنىڭ جۇڭگودا ئېچىلغان دۇكىنى يوق بولۇپ، تور دۇكىنى ئارقىلىقلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن. 2015 – يىلى بايراقدار دۇكان ئېچىلغاندا، دۇكاندا ئاران 100 نەچچە خىل مەھسۇلاتى بار بولۇپ، ھازىر مەھسۇلاتى كۆپىيىپ 300 نەچچە خىلغا يەتكەن. ئېنىقلىنىشىچە، بۇ ماتسۇموتو كىيوشىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېلېكترونلۇق سودىنى سىناپ بېقىشى بولۇپ، سودا سوممىسى سالماق قەدەم بىلەن ئېشىپ، ئۇنىڭ مۆلچەرلىگىنىدىن يۇقىرى بولغان.

 كۈندىلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن قوشۇلغان ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى Artnature ئۈچىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەلىبابا ۋە جىڭدۇڭدا بايراقدار تور دۇكىنى ئېچىپ، ئاق چاچنى يوشۇرغۇچ ئۇپا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالىدىكەن.

 2015 – يىلى 12- ئايدا، ياپونىيە رايون ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنى 422 نەپەر جۇڭگولۇقنىڭ ئالدىنقى يىلى بىر يىلدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق ياپونيەدىن سېتىۋالغان مەھسۇلات تۈرلىرىنى تەكشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە گىرىم-بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، %53.6 نى ئىگىلىگەن، ياڭراتقۇ ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار %29.6 نى، يېمەكلىك (ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك بۇنىڭ سىرتىدا) %28.0 نى ئىگىلىگەن. ئىستېمالچىلاردىن نېمىشقا ياپونىيەدىن مال سېتىۋالىدىغانلىقى سورالغاندا، %52.1 ئادەم «سۈپىتى ئىشەنچلىك» دەپ جاۋاب بەرگەن.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek