ئۇرۇش ۋە تۆۋەن نېفىت باھاسى ئوتتۇرا شەرق ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاجىزلاتتى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرى، چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 22-مارت بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش ۋە نېفىت باھاسىنىڭ كاسات بولۇشى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش يۈزلىنىشىنى ئاجىزلاتقان، ئەل ئارىسىدىكى تارماقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ «يېڭى ئادەتتىكىچە» ھالەتكە پېتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش زۆرۈر ئىكەن.

پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، بارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشى ئاجىزلاش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىدىكەن، ئەمما ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبتى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار ۋە تەرەققىيات قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %1.25 تۆۋەن بولىدىكەن.

تەھلىلدە دېيىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتىكى قىسمەن دۆلەتلەر توقۇنۇشقا چوڭقۇر پېتىپ قالغان بولۇپ، نەچچە مىليون مۇساپىر قېچىپ چىققان، پۈتكۈل رايون ئىقتىسادى زەربىگە ئۇچرىغان.

بىرلا ۋاقىتتا، نېفىت باھاسى نىسبەتەن ئۇزۇن مەزگىلدە نىسبەتەن تۆۋەن باھا سەۋىيەسىدە تۇرۇشتەك يېڭى رېئاللىق نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ كەلگۈسىنى چەكلىگەن، ئۇلارنىڭ نېفىتنى مەركەز قىلغان ئىقتىسادىي ئېشىش ئەندىزىسىنى ساقلاش تەسكە چۈشكەن.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر رايوندىكى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر چىقىمنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولغان، ئەسلىدە نېفىت كىرىمى ئارقىلىق يۆلەۋاتقان كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئاممىۋى تارماقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئازايتقان، بۇ سەۋەبلىك تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىش كەلگۈسى بېسىمغا ئۇچرىغان.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek