ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئاينۇرە خەۋىرى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2016- يىللىق ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغان. بۇ يىل ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ «قۇياش نۇرى» ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئالاھىدە تۈرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملاش سۇپىسىدا تىزىملىتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پەنلەردە ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى بار مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار تاللىنىدىكەن. نۆۋەتتە 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سانى بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي سانىنىڭ %5 ىنى ئىگىلەيدىكەن.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىناق نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش شەرتىگە ئاساسەن، شۇ مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنسا بولىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تۇرۇشلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئورۇن) ياكى ئەسلىي پۈتكۈزگەن مەكتەپ ياكى ئالاقىدار ئورۇن تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە ماتېرىيالدىكى مەزمۇنلارنىڭ راستلىقىغا مەسئۇل بولىدىكەن. مارتنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتسا، ئىلتىماس سۇنسا بولىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار تەپسىلىي مەزمۇنلارنى مائارىپ مىنىستىرلىقى «قۇياش نۇرى» ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تور بېكىتى (http://gaokao.chsi.com.cn/gkzt/zzzs2016 ) دىن ئىگىلىسە بولىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved