پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 23- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر پارلامېنتتا 2017- يىللىق مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە خامچوت لايىھەسى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ئەڭ چوڭ رەقىبى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 23- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كارتېر يەنە مۇنداق دېگەن: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو بىزنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبىمىز، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ مەلۇم رايوندىكى ئەۋزەللىكىمىزگە زەبە بېرىدىغان سىستېمىلارنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بىز نەنخەي دېڭىزى، قىرىم ۋە سۇرىيەدە ئۇلارنىڭ زەبە بېرىش سىستېمىسىنى كۆردۇق. مەلۇم خىل ئەھۋال ئاستىدا رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر ئىككىسى يېڭى قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياسايدۇ ھەمدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇلار نىشانلىغان ھەربىي ۋاستىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ دەل ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىللىق ھەربىي خراجەت خامچوتىنى كۆپەيتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved