بىرازىلىيە ئالى سايلام سوت مەھكىمىسى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 26-ئۆكتەبىر كەچتە، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشىدە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى، ھازىرقى زۇڭتۇڭ دىلما رۇسىفنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى نىۋىسدىن ئېشىپ، بىرازىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
رۇسىف بۇ ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن پايتەخت بىرازىلىيەدە مۇخبىرلار يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاۋاز بېرىشتە ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ قانچىلىق بولۇشى دۆلەتنىڭ بۆلۈنۈشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، بىرازىلىيە بىرىدەك ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. ئۇ، ھەر قانداق سۆزلىشىشنىڭ ئىشىكىنى ئىچىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
نىۋېس سايلام نەتىجىسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن رۇسىفقا تېلېفون بېرىپ ئۇنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇنىڭ يېڭى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
رۇسىف 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved