تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي يەكەن، قاغىلىق ناھىيەلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ،. جەنۇبى كەشمىر رايونى بىلەن، غەربىي تاجىكىستان، ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. شىمالى ئاقتۇ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
تاشقورغان خەن دۇلالىسى دەۋرىدە سارىقول بەگلىكىنىڭ زېمىنى ئىدى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە گوربانت دەپ ئاتالغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى تۆت چوڭ ھەربىي كەنتنىڭ بىرى ―سۇلې (قەشقەر) ھەربىي كەنتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كۆكئارت(پامىر) بۇقالى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغەن. سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۇدۇن(خوتەن)گە، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەكەن خانلىقىغا تەۋە بولغان. 1902- يىلى سارىقول شۆبە مۇداپىئە نازارەتخانىسى تەسىس قىلىپ، يەكەنگە تەۋە قىلغان. 1913 - سارىقول ناھىيەسى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەرگە تەۋە بولغان. 1954 - يىلى سېنتەبىردە تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان.
تاشقۇرغاننىڭ ئېتمولوگىيەسى توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۈت. بەزىلەر تاشقورغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «تاش بىلەن قورشالغان شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر «تاشقورغان» دېگەن بۇ جايدىكى قەدىمكى قورغاننىڭ نامى، بۇ قورغان تاشتىن ياسالغاچقا، شۇنداق ئاتالغان، دەپمۇ قارايدۇ.
تاشقورغاندا قار - مۇزلار بىلەن قاپلانغان«مۇزتاغ ئاتا» چوققىسى، دۇنيا بويىچە 2-ئېگىز چوققا ― چوگىر چوققىسى، قاراكۆل مەنزىرىگاھى، ئىسسىق بۇلاق ئارىشىڭى قاتارلىق سەيلە - ساياھەت ئورۇنلىرى، تاش قەلئە ئىزى، قىز قورغان خارابىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى بار.
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved