شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-مارت، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راجوي قاتارلىقلار ‹‹گېرمانىيە قانىتى›› ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچرىغان ئورۇنغا يېتىپ كەلدى
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 25-مارت، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راجوي قاتارلىقلار ‹‹گېرمانىيە قانىتى›› ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچرىغان نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ۋاقىتلىق قوماندانلىق مەركىزىدە ئىزدەش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان خادىملار بىلەن كۆرۈشتى.
شۇ يەر ۋاقتى 24-مارت، گېرمانىيە قانىتى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ A320 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىسپانىيەنىڭ بارېسلونا شەھىرىدىن گېرمانىيەنىڭ دۇسسېلدورفقا ئۇچۇش جەريانىدا، فىرانسىيەنىڭ ئالپس تاغلىق رايونىدا پاچاقلىنىپ كەتكەن، ئايروپىلاندا 144 نەپەر يولۇچى، ئالتە نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار بولۇپ، ھازىرغىچە ھايات قالغۇچىلار بايقالمىغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved